ئۇكرائىنا قىرىمنى ئازاد قىلىپ، قايتىدىن ماسلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى قوبۇل قىلدى

ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دىمىترو كۇلېبا ئىجتىمائىي ئالاقە تورى تىۋىتتېر ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇكرائىنانىڭ قىرىمنى ئازاد قىلىپ، قايتىدىن ماسلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1599918
ئۇكرائىنا قىرىمنى ئازاد قىلىپ، قايتىدىن ماسلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى قوبۇل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دىمىترو كۇلېبا ئىجتىمائىي ئالاقە تورى تىۋىتتېر ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيە قىرىمنى يۇتۇۋالغان  2014 – يىلىدىن بۇيان زۆرۈر بولغان بىر تارىخىي ھۆججەتنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

قىرىمنى ئازاد قىلىپ قايتا ماسلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنىڭ قوبۇل قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن كۇلېبا: «ئۇچۇرىمىز ئېنىق، بىز دۇنيانى قىرىمنىڭ بىزگە قايتىپ كېلىشىگە ياردەم بېرىشكە چاقىرىپلا قالماي، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئۇكرائىنا (پىرېزىدېنت ۋىلادىمىر) زېلېنسكىي رەھبەرلىكىدە ئۆزىنىڭ سىستېمىلىق تىرىشچانلىقىنىمۇ ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

كۇلېبا قىرىمنى قايتۇرۇۋېلىشنىڭ ئۈچ باسقۇچلۇق بىر جەرياننى بېسىپ ئۆتىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ: «بىرىنچىسى، بۈگۈن تەستىقلانغان ئىستراتېگىيە؛ ئىككىنچىسى، مۇستەھكەملەش، يەنى بىزنىڭ قىرىم مۇنبىرىدىكى شېرىكلەر بىلەن چىقىرىدىغان ئورتاق تىرىشچانلىقىمىز؛ ئۈچىنچىسى بولسا، ماسلىشىش، يەنى قىرىمدا خەلقئارا قانۇننى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ئۇكرائىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى (ماس ھالدا) ئىشقا ئاشۇرۇش» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر