ئامېرىكا سوتى ترامپنىڭ ئەڭ ئاخىرقى سايلام ئېتىرازىنىمۇ رەت قىلدى

ئامېرىكا يۇقىرى سوت مەھكىمىسى، سابىق پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ 2020 - يىلى 11 - ئاينىڭ 3 - كۈنىدىكى پىرېزىدېنتلىق سايلىمى نەتىجىسىگە مۇناسىۋەتلىك ئەڭ ئاخىرقى قانۇنىي ئۇرۇنۇشىنىمۇ رەت قىلدى.

1597756
ئامېرىكا سوتى ترامپنىڭ ئەڭ ئاخىرقى سايلام ئېتىرازىنىمۇ رەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا يۇقىرى سوت مەھكىمىسى، ترامپنىڭ ئادۋوكاتلىرىنىڭ <ۋىسكونسىن ئىشتاتىدىكى سايلام جەريانىدا ئاساسىي قانۇنغا خىلاپلىق قىلىنغانلىقى ۋە سايلام نەتىجىسىگە ھىيلە ئارىلاشتۇرۇلغانلىقى>نى ئىلگىرى سۈرگەن دەۋا ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلمىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

سوت ئەزالىرى، ئۇلار پوچتا ئارقىلىق تاشلىنىدىغان ئاۋاز بېلىتىگە ئاجىرىتىلغان ۋاقىتنىڭ قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئۇزاراتىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن تىرامپنىڭ ئادۋوكاتلىرىنىڭ قاراشلىرىنى يېتەرلىك دەپ قارىمىدى.

بۇ قارار بىلەن بىرلىكتە ترامپنىڭ ھازىرغىچە ئالىي سوتقا سۇنغان بارلىق ئىلتىماسلىرى رەت قىلىنغان بولدى.

بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ پېنسىلۋانىيە، ئارىزونا ۋە مىچگان قاتارلىق ئىشتاتلاردىكى سايلام نەتىجىسىگە ئېتىراز بىلدۈرۈپ سوتقا ئەرز سۇنغان ترامپ، ھېچقانداق ئىجابىي جاۋابقا ئېرىشەلمىگەنىدى.

2020 – يىلى 3 – نويابىردا ئۆتكۈزۈلگەن دەتالاشلىق پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا دېموكراتچىلار قانىتى نامزاتى جو بايدىن غەلىبە قىلغان، ترامپ پوچتا ئارقىلىق تاشلانغان بېلەتلەرگە ھىيلە ئارىلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سايلام نەتىجىسىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر