ئېكۋاتور گۋىنىيەسىدە يۈز بەرگەن پارتلاشتا ئۆلگەنلەر سانى 98 گە يەتتى

ئېكۋاتور گۋىنىيەسىنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى باتادىكى بىر گازارمىدا مەيدانغا كەلگەن پارتلاشتا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 98 گە يەتتى.

1597681
ئېكۋاتور گۋىنىيەسىدە يۈز بەرگەن پارتلاشتا ئۆلگەنلەر سانى 98 گە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئېكۋاتور گۋىنىيەسىمۇئاۋىن پىرېزىدېنتى تېئودورو نگۇئېما ئوبىئاڭ مانگۇئې تىۋىتتېر ئارقىلىق بايانات بېرىپ، 7- مارتتىكى پارتلاشتا قازا قىلغانلار سانىنىڭ 98 گە، يارىلانغانلار سانىنىڭ 615 كە يەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

باتادىكى ئالاھىدە قىسىم ۋە ژاندارما ئەسكەرلىرى تۇرىدىغان نوكوئا نتوما گازارمىسىدا يۈز بەرگەن پارتلاش سەۋەبىدىن گازارمىغا يېقىن نۇرغۇن ئۆيلەر ۋەيران بولغان ۋە نۇرغۇن كىشى خارابىلىك ئاستىدا قالغانىدى.

42 يىلدىن بۇيان دۆلەتنى باشقۇرۇپ كېلىۋاتقان پىرېزىدېنت تېئودورو ئوبياڭ نگۇما دۆلەت تېلېۋىزىيەسى — TVGE دە سۆز قىلىپ، بۇ ھادىسىنىڭ پارتلاتقۇچ ماددا ۋە ئوق دورا ئىسكىلاتىغا مەسئۇل ئورۇننىڭ بىپەرۋالىقىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر