بىرمادىكى نامايىشلاردا يەنە تۆت كىشى جېنىدىن ئايرىلدى

بىرما خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ئەڭ چوڭ شەھەر يانگون (Yangon) نىڭ سانچاڭ (Sanchaung) شەھىرىنى قورشاپ نامايىش قىلغانلارنى تۇتقۇن قىلىشىغا قارشى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلاردا، تۆت كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

1597783
بىرمادىكى نامايىشلاردا يەنە تۆت كىشى جېنىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرمانىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى يانگوندىكى نامايىشلاردا، تۆت كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى ئېلان قىلىندى.

بىرما تاراتقۇلىرىدىكى خەۋەرلەردە بىلدۈرۈلىشىچە، نۇرغۇن كىشى يانگونغا قاراشلىق نۇرغۇن ناھىيەلەردە سىرتقا چىقىش چىقىش چەكلەنگەن بولسىمۇ، كېچە سائەتلەردە خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن مەيدانلارنى تولدۇرغان.

يانگون شەھىرىدىكى چەت ئەل ئەلچىخانىلىرى ۋە ب د ت ھەربىي ھۆكۈمەتنى قورشاۋغا ئېلىنغان نامايىشچىلارنى ئۆيلىرىگە قايتىشىغا رۇخسەت قىلىشقا چاقىردى.

بىرما خەۋپسىزلىك كۈچلىرى قورشاۋنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، نامايىشچىلارنىڭ ناھىيەدىن چىقىشىغا رۇخسەت قىلدى.

بىرما تاراتقۇلىرىغا مەلۇمات بەرگەن پائالىيەتچىلەر، يېرىم كېچىدىن بۇيان ئەسكەرلەرنىڭ سانچاڭدا قورشاۋدىكى يۈزلەرچە نامايىشچىنىڭ چىقىشىغا، ئەتىگەندىن تارتىپ رۇخسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

پائالىيەتچىلەر بەزى نامايىشچىلارنىڭ سانچاڭدا ياشايدىغان پۇقرالارنىڭ ياردىمى بىلەن تۇتۇلۇشتىن قۇتۇلۇپ قالغانلىقىنى، سىرتتا قالغان ئونلارچە نامايىشچىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر