ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇشنىڭ ئالدىنقى سەپلىرىدە ئاياللار مۇھىم رول ئوينىغان

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ياۋروپا دىرېكتورى ھانس كلۇگ (Hans Kluge) ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) غا قارشى تۇرۇشنىڭ ئالدىنقى سەپلىرىدىن ئورۇن ئالغان سەھىيە خادىملىرىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئاياللار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1595690
ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇشنىڭ ئالدىنقى سەپلىرىدە ئاياللار مۇھىم رول ئوينىغان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ياۋروپا دىرېكتورى ھانىس كلۇگ سىنلىق شەكىلدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى تۇرۇشتا، ئاياللارنىڭ ئوينىغان رولى ئۈستىدە توختىلىپ، دۇنيا مىقياسىدا سەھىيە ساھەسىدىكى 10 كىشىدىن يەتتىسىنىڭ ئايال ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ ياۋروپا قىتئەسىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان سېستىرالارنىڭ %84 ى ۋە دوختۇرلارنىڭ %53 نىڭ ئايال ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ يېقىنلىشىۋاتقان 8-مارت خەلقئارا ئاياللار بايرىمىنى تىلغا ئالدى ۋە ياۋروپادىكى ھېچقانداق دۆلەتتە جىنسىيەت باراۋەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىنالمىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ ۋابا مەزگىلىدە تېخىمۇ ناچارلاشقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ: «ئۇزۇن ۋاقىتتىن بېرى ئالاھىدە ئەھۋاللارنىڭ ئاياللارنىڭ سالامەتلىكىگە مۇۋازىنەتسىز تەسىر قىلىدىغانلىقىنى بىلەتتۇق. ۋۇخەن ۋىرۇسى بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس» دېدى.

ئۇ بەش ھەپتە بۇرۇن ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان تەخمىنەن 1.3 مىليون سەھىيە خادىمىنىڭ %68 نىڭ ئايال ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ ۋاباغا قارشى تۇرۇشنىڭ ئالدىنقى سەپلىرىدە خىزمەت قىلىۋاتقانلارنى قوغداش ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك تىرىشچانلىقنىڭ كۆرسىتىلىشى كېرەكلىكىنى ۋە ئۇلارنى ئەملەشنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ ۋەزىپىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر