ب د ت، ياۋروپا ۋە ئامېرىكا بىرمادىكى باستۇرۇشلارنى قاتتىق ئەيىبلىدى

بىرمادا خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ تۈنۈگۈن (2021-يىلى 3-مارت) ھەربىي ئۆزگىرىشكە قارشى نامايىشلارنى باستۇرۇشىدا جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ 38 گە چىقتى.

1594857
ب د ت، ياۋروپا ۋە ئامېرىكا بىرمادىكى باستۇرۇشلارنى قاتتىق ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت بىرما ئالاھىدە ۋەكىلى كرىستىن شرېينېر بۇرگېنېر (Christine Schraner Burgener) پەقەت تۈنۈگۈنكى ھەربىي ئۆزگىرىشكە قارشى نامايىشلاردا 38 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، بۈگۈنگىچە 50 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ تۈنۈگۈن ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ھازىرغىچە تەخمىنەن 1200 كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خەلقئارالىق جەمئىيەتلەرگە ئىتتىپاقلىشىشنى ۋە بىرمادىكى ھەربىي ئۆزگىرىشكە قارشى تۇرۇشنى چاقىرىق قىلدى.

ئۇ خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ بىرمادىكى ھەربىي ئۆزگىرىش ۋە كېيىن يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى «بىرمانىڭ ئىچكى مەسىلىسى» دەپ ئاتىشى توغرىسىدا توختالدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«بۇ ئىچكى مەسىلە ئەمەس. رايوندىكى مۇقىملىققا تەسىر كۆرسىتىدۇ. خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ بۇ مەسىلىدە بىرلىككە كېلىشىنىڭ ئەھمىيىتىنى چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»

ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ بىرما خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ ھەربىي ئۆزگىرىشكە قارشى نامايىشلارنى باستۇرغانلىقىنى ئەيىبلىدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە خەۋپسىزلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بوررېل (Josep Borrell) بىرمادىكى ئارمىيە ۋە خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ تىنچلىق نامايىشلىرىنى زوراۋانلىق كۈچ ئىشلىتىپ باستۇرۇشىدا، قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنىقىمۇ يوق پۇقرالار ۋە سەھىيە خادىملىرىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىرمادا خەلقئارالىق قانۇنغا خىلاپلىق قىلىنغانلىقىنى، يۈزلەرچە كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتكەن بوررېل، مېدياغا قارىتىلغان باستۇرۇشلارنىمۇ قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ: «بىرمادا قانۇن ۋە دېموكراتىيەگە قايتىش شەرت» دېدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىرمادا خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ ھەربىي ئۆزگىرىشكە قارشى نامايىشلارنى زوراۋانلىق بىلەن باستۇرغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى نېد پرايس (Ned Price) كۈندىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا: «ھۆكۈمەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تىنچلىق بىلەن تەلەپ قىلغان بىرما خەلقى ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلغان قورقۇنچلىق باستۇرۇشتىن چۆچىدۇق. بىرما ئارمىيەسىنىڭ ئۆز خەلقى ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان زوراۋانلىقلارغا قارشى بارلىق دۆلەتلەرنى بىرلىككە كېلىشكە چاقىرىمىز» دېدى.

ئۇ بىرما ئامىيەسىنى زوراۋانلىقلارنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى ۋە ھۆكۈمەتنى خەلققە ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى چاقىرىق قىلىپ، يېقىنقى كۈنلەردىكى زوراۋانلىقلارنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.

ئۇ يەنە، بىرمادىكى مۇخبىرلارغا قىلىنغان زوراۋانلىقلارنىمۇ ئەيىبلەيدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ بىرما ئارمىيەسىگە ئىلاۋە ئېمبارگولار قويۇلۇشى مۇمكىنلىكىنى، بۇ ئىلاۋە قەدەملەرنىڭ توغرا ۋاقىت ۋە شەرتلىرى ئۈستىدە ئويلىشىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ئۇ بىرمادىكى ۋەزىيەتنى كۆزىتىش بىلەن بىرگە، ئاراكاننىڭ ۋەزىيىتىگىمۇ يېقىندىن دىققەت قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، رايوندىكى ۋەزىيەتنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن ھەر قاچان ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقى (AP) نىڭ بىرما تاراتقۇلىرى ۋە فەيسبۇكتىكى خەۋەرلەردىن نەقىل ئېلىپ ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، بىرما خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ ھەربىي ئۆزگىرىشكە ۋە خەلق تەرىپىدىن سايلانغان ھۆكۈمەت مەسئۇللىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا قارشى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلاردا، راست ئوق ئىشلەتكەنلىكى قەيت قىلىنغان ئىدى.

خەۋەردە، خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ نامايىشچىلارنى باستۇرشى نەتىجىسىدە، يانگون، سالىن، ماندالاي، ماۋلاميىن، ميىڭيان ۋە كالاي رايونلىرىدا 33 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ يەنە، مۇخبىرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۈزلەرچە كىشىنى تۇتقۇن قىلغانلىقىمۇ قەيت قىلىنغان ئىدى.

بىرما ئارمىيەسى ئۆزىگە يېقىن سىياسىي گۇرۇپپىلارنىڭ 2020-يىلى 8-نويابىر ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا ساختىپەزلىك قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشى ۋە دۆلەتتە سىياسىي ئىختىلاپلارنىڭ كۈچىيىشى بىلەن، 2021-يىلى 1-فېۋرال ھاكىمىيەتنى ئۆتكۈزۈۋالغان ئىدى.

بىرما ئارمىيەسى يەنە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋە دۆلەتنىڭ ئەمەلىيەتتىكى رەھبىرى ئاڭ سان سۇچى قاتارلىق ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى ھەمدە ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە مەسئۇللىرىنى تۇتقۇن قىلىپ، بىر يىللىق جىددىي ھالەت ئېلان قىلغان ئىدى.

بىرما خەلقى 6-فېۋرال (2021) دېموكراتىيەگە قايتىشنى تەلەپ قىلىپ نامايىش قىلىشنى باشلىغان بولۇپ، خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ قاتتىق قوللۇق بىلەن نامايىشلارنى باستۇرۇشى نەتىجىسىدە ئۆلۈم-يېتىم ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بېرىشى بىلەن نامايىشلارغا قاتنىشىش تېخىمۇ كۆپەيگەن ئىدى.

خەۋپسىزلىك كۈچلىرى 28-فېۋرال يانگون شەھىرىدىكى نامايىشلاردا راست ئوق ۋە ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئاتقان. ب د ت نىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، شۇ كۈندىكى نامايىشتا 18 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى قەيت قىلىنغان ئىدى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر