ئامېرىكادا ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىش ئۇسۇللىرىغا «ئېتىپ ئۆلتۈرۈش» ئۇسۇلىمۇ قوشۇلدى

ئامېرىكانىڭ جەنۇبى كارولىنا ئىشتاتىدا ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىش ئۇسۇللىرىغا «ئېتىپ ئۆلتۈرۈش» ئۇسۇلىمۇ قوشۇلدى.

1594169
ئامېرىكادا ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىش ئۇسۇللىرىغا «ئېتىپ ئۆلتۈرۈش» ئۇسۇلىمۇ قوشۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەھبۇسلارنى «ئوق بىلەن ئۆلتۈرۈش ئارقىلىق ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىش» نى ئۆز ئىچىگە ئالغان قانۇن لايىھەسى كېڭەش پالاتاسىدا كۆپ سانلىق ئاۋاز بىلەن ماقۇللاندى.

ئۆلۈم جازاسىنى ئەگەر زەھەرلىك يىڭنە بىلەن ئىجرا قىلىنمىغان تەقدىردە، توكلۇق ئورۇندۇقتا ئىجرا قىلىشنىڭ يەنە بىر تاللىشى سۈپىتىدە، «ئېتىپ ئۆلتۈرۈش» مۇ ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىش ئۇسۇللىرى ئارىسىغا كىرگەن بولدى.

جەنۇبىي كارولىنا ئىشتاتىدا، مەھبۇسلارنىڭ زەھەرلىك ئوكۇل ياكى ئېلېكترونلۇق ئورۇندۇق قاتارلىق ئىجرا قىلىش ئۇسۇللىرىدىن بىرنى  تاللاش ھوقۇقى بار  بولۇپ، مەھبۇسلار زەھەرلىك يىڭنە بىلەن ئىجرا قىلىش مۇمكىن بولمىغان ئەھۋاللاردا، بۇ ئۇسۇلنى تاللاش ئارقىلىق ئۆلۈم جازاسىنى كېچىكتۈرمەكچى بولىدىغانلىقى مەلۇم.

ۋالىي ھېنرى ماك ماستېر ئەرز قىلىش ھوقۇقى ئاخىرىلاشقان ۋە ئۆلۈم جازاسى تەستىقلانغان مەھبۇسلارنىڭ ئىجراسىنىڭ كېچىكتۈرۈلىۋاتقانلىقى سەۋەبىدىن كېڭەش پالاتاسىنى ئىجرا قىلىش ئۇسۇللىرىنى كۆپەيتىشكە چاقىرىق قىلغان ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر