شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلمانغا ئېمباگو يۈزگۈزۈش قانۇن لايىھەسى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىغا سۇنۇلدى

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئۈچ ئەزاسى جامال كاشىقچىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىدە جاۋابكارلىقى بولغانلىقى سەۋەبىدىن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلمانغىمۇ ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىشى كېرەكلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قانۇن لايىھەسى سۇندى.

1593297
شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلمانغا ئېمباگو يۈزگۈزۈش قانۇن لايىھەسى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىغا سۇنۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پالاتا ئەزالىرىدىن توم مالىنوۋىسكى، جامىس مىك گوۋېرن ۋە ئاندىي كىم مەجلىس ئومۇمىي يىغىنىغا «سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى جاۋابكارلىق قانۇنى» ناملىق قانۇن لايىھەسىنى سۇنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

قانۇن لايىھەسىدە، دۆلەتلىك ئىستىخبارات ئىدارىسى (DNI) تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان دوكلاتتا، تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلماننىڭمۇ سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جامال كاشىقچىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىدە جاۋابكارلىقى بارلىقى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقى ۋە شۇڭا ئۇنىڭمۇ ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشۈلىشى كېرەكلىكى تەكىتلەندى.

قانۇن لايىھەسىدە يەنە، ئامېرىكا سەئۇدى ئەرەبىستانغا سېتىپ بەرگەن قوراللارنىڭ ئىشلىتىلىشىنىڭ ئامېرىكا قانۇنىغا ئۇيغۇن بولۇۋاتقان ياكى بولمايۋاتقانلىقى توغرىسىدا پالاتاغا قەرەللىك دوكلات بېرىش كېرەكلىكىمۇ ئايرىم ماددە سۈپىتىدە كىرگۈزۈلدى.

بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ ماقۇللىنىشى ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئاۋام پالاتاسىدا بېلەت تاشلاش ئارقىلىق تەستىقلىنىشى، ئاندىن كېڭەش پالاتاسىدىمۇ تەستىقتىن ئۆتۈپ، ئاخىرىدا پىرېزىدېنت بايدىن ئىمزا قويۇشى كېرەك.

دۆلەتلىك ئىستىخبارات ئىدارىسى (DNI) تەرىپىدىن جۈمە كۈنى ئېلان قىلىنغان ۋە جامال كاشىقچىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلماننىڭ تەستىقلىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن دوكلاتى زور ئىنكاس قوزغىغان بولۇپ،  ئەمما بايدىن ھۆكۈمىتى مۇھەممەد بىن سەلمانغا قارىتا ھېچقانداق ئېمبارگو قارارى چىقارمىغان ئىدى.

تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلمانغا قاراتقان تەنقىدلىرى بىلەن تونۇلغان «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانلىق يازغۇچىسى جامال كاشىقچى 2018-يىلى 10-ئاينىڭ 2-كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ  ئىستانبۇلدىكى باش كونسۇلخانىسىغا كىرگەنچە قايتىپ چىقالمىغان ئىدى.

كېيىنچە جامال كاشىقچىنىڭ كونسۇلخانىدا ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ۋە  جەسىتىڭ پارچىلانغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر