ئەسەد ھاكىمىيىتى ئىسرائىلىيەنىڭ دەمەشققە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ئىسرائىلىيەنىڭ سۈرىيەنىڭ پايتەختى دەمەشققە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
1592533
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ خەۋەر ئاگېنتلىقى — سانا، ھەربىي مەنبەلەردىن ئالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن خەۋىرىدە، ئىسرائىلىيەنىڭ شۇ يەر ۋاقتى سائەت 22 دىن 16 مىنۇت ئۆتكەندە ئىشغالىيەت ئاستىدىكى گولان ئېگىزلىكى يۆنىلىشىدىن دەمەشق شەھەر مەركىزى ئەتراپىدىكى بىر قىسىم ھاكىمىيەت نۇقتىلىرىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.