بايدىننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دائىمىي ۋەكىلى نامزاتى پالاتانىڭ تەستىقىدىن ئۆتتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ دۆلىتىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى نامزاتى لىندا توماس گرېنفېلد پالاتانىڭ تەستىقىدىن ئۆتتى.

1589840
بايدىننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دائىمىي ۋەكىلى نامزاتى پالاتانىڭ تەستىقىدىن ئۆتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئومۇمىي كېڭىشىدە ئېلىپ بېرىلغان ئاۋازغا قويۇشتا،  ئافرىقادا تۇغۇلغان لىندا توماس گرېنفېلد، 20 گە قارشى 78 ئاۋاز بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق يېڭى دائىمىي ۋەكىلى بولدى.

بەزى جۇمھۇرىيەتچىلەر، ئۇنىڭ ئىلگىرىكى بىر قىسىم باياناتلىرى سەۋەبىدىن قارشى چىققان توماس گرېنفېلدنىڭ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قەسەم ئىچىپ، رەسمىي ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىشى كۈتۈلمەكتە.

35 يىللىق كەسپىي دىپلومات گرېنفېلدنىڭ بۇ ۋەزىپىنى ئۆتۈشى، بايدننىڭ «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تېزدىن دىپلوماتىيەگە قايتىشى» تەرىقىسىدىكى سىگنالىنىڭ بىر قىسمى دەپ قارالماقتا.

بۇ ۋەزىپىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان ئىككىنچى ئافرىقالىق-ئامېرىكالىق ھېسابلىنىدىغان توماس گرېنفېل، 2019-يىلى، خىتاي قوللاۋاتقان «كۇڭزى ئىنستىتۇتى» دا بىر پىروگراممىغا قاتنىشىپ نۇتۇق سۆزلىگەن، بىر قىسىم جۇمھۇرىيەتچىلەر بۇ نۇتۇقتىن نارازى بولغانلىقلىرىنى ئىپادىلىگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر