بايدىن بىلەن كازىمى تېلېفونلاشتى
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن بىلەن ئىراق باش مىنىستىرى مۇستاپا كازىمى تېلېفونلاشتى.
1589556
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراينىڭ ئىككى رەھبەرنىڭ تېلېفون سۆھبىتىگە مۇناسىۋەتلىك يازما باياناتىدا، پىرېزىدېنت بايدىننىڭ ئامېرىكانىڭ ئىراقنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مۇستەقىللىقىنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەنلىكى ۋە باش مىنىستىر كازىمىنىڭ رەھبەرلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەبرىكلىكى قەيت قىلىندى.