ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئېمبارگولىرى ۋېنېزۇئېلاغا  30 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق زىيان سالدى

ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرو ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى يۈرگۈزگەن ئېمبارگولارنىڭ دۆلىتىدىكى كوۋىد -19 غا قارشى كۈرەشنى قىيىنلاشتۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1588942
ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئېمبارگولىرى ۋېنېزۇئېلاغا  30 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق زىيان سالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت نىكولاس مادۇرو  ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 46- نۆۋەتلىك يىغىنىدا سۆزلىگەن سىنلىق نۇتۇقىدا، دۆلىتىگە يۈرگۈزۈلگەن ئېمباگولار تەرەپكە ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ۋېنېزۇئېلاغا 450 دىن ئارتۇق بىر تەرەپلىمە ئېمبارگو يۈرگۈزگەنلىكىنى تىلغا ئالغان مادۇرو، بۇ ئېمباگولارنىڭ كوۋىد -19 كرىزىسىنىڭ سەھىيە ساھەسىگە ۋە ئىقتىسادىي ساھالەرگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىگە قارشى ۋېنېزۇئېلا ھۆكۈمىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرەشلەرگە چەكلىمە پەيدا قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.

مادۇرو: «ئېمبارگولار 30 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق زىيان يەتكۈزدى، بۇ پۇللارنى كوۋىد -19 غا قارشى كۈرەشكە ئىشلەتكىلى بولاتتى» دېدى.

مادۇرو ئېمبارگولارنىڭ پەقەت قانۇنسىز بولۇپلا قالماي، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئىنسانپەرۋەرلىك كرىزىسىنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئېمبارگولارغا قارىماستىن، ھۆكۈمەت تەمىنلىگەن ئىجتىمائىي كاپالەت ۋە ھەقسىز سەھىيە خىزمەتلىرى سىستېمىسى سايىسىدا كوۋىد -19 نىڭ تەسىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا كونتىروللۇق ئاستىغا ئالالىغانلىقىنى ئېيتتى.

ۋېنېزۇئېلا رۇسىيەدىن زاكاس قىلىنغان «سپۇتنىك V» ناملىق كوۋىد -19 ۋاكسىنىسىنىڭ تۇنجى 100مىڭ تابلىتىنى 13-فېۋرالدا تاپشۇرۇپ ئالغان بولۇپ، ۋاكسىنا ئەملەش خىزمەتلىرىنىڭ مۇشۇ ھەپتە باشلىنىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

ۋېنېزۇئېلادا ھازىرغىچە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 1320 كىشى قازا قىلىپ، 136 مىڭ 545 كىشى يۇقۇملاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر