ئامېرىكا پالاتا ئەزاسى كرۇزنىڭ ئۇچۇش مەلۇماتلىرىنىڭ ئاشكارىلىنىشى قاتتىق نارازىلىق  ياراتتى

ئامېرىكانىڭ تېكساس ئىشتاتى قاتتىق سوغۇقنىڭ ئېغىر تەسىرى ئاستىدا قالغان بىر ۋەزىيەتتە، رايوننىڭ پالاتا ئەزاسى كرۇزنىڭ تەتىلگە ماڭغانلىقى قاتتىق غۇلغۇلا ياراتتى.

1588201
ئامېرىكا پالاتا ئەزاسى كرۇزنىڭ ئۇچۇش مەلۇماتلىرىنىڭ ئاشكارىلىنىشى قاتتىق نارازىلىق  ياراتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پالاتا ئەزاسى كرۇزنىڭ بىرلەشمە ئاۋىئاتسىيە شىركىتى ئايروپىلانىغا چىققىۋاتقان رەسىملىرى ۋە ئۇچۇش مەلۇماتلىرى مەتبۇئاتلارغا ئاشكارىلانغاندىن كېيىن قاتتىق نارازىلىق  ياراتتى.

پالاتا ئەزاسى كۆڭۈللۈك تەتىلىنىڭ ھېسابىنى بېرىش ئۈچۈن دەرھال قايتىپ كېلىشكە مەجبۇر بولدى.

كرۇز گەرچە قىزلىرىغا ھەمراھ بولغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، نارازىلىقلار سەۋەبىدىن ئۇچۇش ۋاقتىنى ئالدىغا ئېلىشقا مەجبۇر بولدى. بۇ مەلۇماتلارمۇ مەتبۇئاتلارغا ئاشكارىلاندى.

ئەمدىلىكتە بولسا، ئاۋىئاتسىيە شىركىتى ئۇچۇش مەلۇماتلىرىنى ئاشكارىلىغان كىشىنى ئىزدىمەكتە.

ئاۋىئاتسىيە شىركىتى ئېلان قىلغان باياناتىدا: «خېرىدارلىرىمىزغا ئائىت خۇسۇسىي ئۇچۇرلارنى ھەمبەھىرلەش بىزنىڭ سىياسىتىمىزگە خىلاپ، بىز بۇ ۋەقەنى تەكشۈرۈۋاتىمىز» دېدى.

بىرلەشمە ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ نەچچە مىڭلىغان خادىملىرى خېرىدارلارغا ياردەمچى بولۇش ئۈچۈن خېرىدارلارنىڭ ئۇچۇش مەلۇماتلىرىغا ئېرىشەلەيدۇ. لېكىن خۇسۇسىي ئۇچۇش پىلانىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنىڭ ئاشكارالىنىشى ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ.

ئەگەر ئۇچۇرنى ئاشكارىلىغۇچى تېپىلسا، ئىشتىن بوشىتىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر