ستولتېنبېرگ: ناتونىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىشى شارائىتقا باغلىق

شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ، ناتونىڭ «ۋاقتى كەلگەندە» ئافغانىستاندىن ئايرىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

1586060
ستولتېنبېرگ: ناتونىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىشى شارائىتقا باغلىق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش كاتىپ يېنس ستولتېنبېرگ سىن كۆرۈنۈشلۈك ھالەتتە چاقىرىلغان ۋە تۈركىيەگە ۋاكالىتەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار ئىشتىراك قىلغان ناتوغا ئەزا دۆلەتلەر مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنىنىڭ تۈنۈگۈنكى بىرىنچى كۈنىدىن كېيىن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ستولتېنبېرگ يىغىننىڭ بىرىنچى كۈنىنىڭ كۈنتەرتىپى بولغان «ناتونىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىشى ياكى ئۇ يەردە تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇشى» توغرىسىدىكى بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ: «بىزنىڭ ئافغانىستاندىكى مەۋجۇتلۇقىمىز شارائىتقا باغلىق، تالىبانلار ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشى كېرەك» دېدى.

ناتونىڭ ئافغانىستاننىڭ تىنچلىق مۇساپىسىنى قوللايدىغانلىقىنى بايان قىلغان ستولتېنبېرگ: «ۋاقتى كەلگەندە ئافغانىستاندىن ئايرىلىمىز، بىزنىڭ ھازىرقى مۇھىم نۇقتىمىز تىنچلىق مۇساپىسى ۋە سۆھبەت جەريانىنى قوللاشتىن ئىبارەت» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇ ئىتتىپاقداشلارنىڭ كېڭىشىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ ھەقتە بىرلىكتە قارار چىقىرىدىغانلىقىنى، ئاساسلىق مەسىلىنىڭ تالىباننىڭ زوراۋانلىقنى ئازايتىشى ۋە ئەلقائىدە قاتارلىق خەلقئارالىق تېرورلۇق گۇرۇپپىلىرىدىن يىراقلىشىشى ئىكەنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر