نىگېرىيەدىكى سەرگەردانلار لاگېرىدا ئوت ئاپىتى يۈز بەردى

نىگېرىيەدىكى سەرگەردانلار لاگېرىدا ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ ئۈچ ئادەم قازا قىلدى.

1586048
نىگېرىيەدىكى سەرگەردانلار لاگېرىدا ئوت ئاپىتى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيە جىددىي ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئورگىنى ئەمەلدارى ياباۋا كولو بايانات بېرىپ، بوكو ھارامنىڭ ھۇجۇملىرىدىن قېچىپ كەلگەنلەر تۇرۇۋاتقان مايدۇگۇرى رايونىدىكى مۇساپىرلار لاگېرىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە ئۈچ ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقىنى، نۇرغۇن ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى ۋە 3600 ئادەمنىڭ چېدىرسىز قالغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ياباۋا كولو، ھۆكۈمەتنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى ئەۋەتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇلتۇر بورنو ئۆلكىسىدىكى سەرگەردانلار لاگېرىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 7200 ئادەم چېدىرسىز قالغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر