شىۋېتسىيە، ئۇكرائىنا، رۇسىيە ۋە دانىيە قاتارلىق دۆلەتلەر تۈركىيەگە تەزىيە بىلدۈردى

شىۋېتسىيە، ئۇكرائىنا، رۇسىيە ۋە دانىيە قاتارلىق دۆلەتلەر تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تەرىپىدىن شېھىت قىلىنغان 13 تۈركىيە پۇقراسى ئۈچۈن تەزىيە تېلېگراممىسى تارقاتتى.

1585004
شىۋېتسىيە، ئۇكرائىنا، رۇسىيە ۋە دانىيە قاتارلىق دۆلەتلەر تۈركىيەگە تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئان لىندې ئىراقنىڭ گارا رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تەرىپىدىن شېھىت قىلىنغان 13 تۈركىيە پۇقراسى ئۈچۈن تەزىيە تېلېگراممىسى تارقاتتى.

ئان لىندې ئۆزىنىڭ تىۋىتتېر ئادرېسىدا تېلېگرامما تارقىتىپ: «مەن ئىراقنىڭ شىمالىدىكى تېررورلۇق ھەرىكىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ ئائىلە- تاۋابىئاتلىرىغا سەمىمىي تەزىيە بىلدۈرىمەن. بىز تۈركىيە خەلقى بىلەن ھەمكارلىق ئىچىدىمىز» دېدى

قەبىھ تېررورلۇق قىلمىشىنى ئۇكرائىنامۇ ئەيىبلىدى؛ ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تىۋىتتېردىكى ئادرېسىدا تۈركچە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى گارا رايونىدا تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ شېھىت قىلىنغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئاڭلاپ چوڭقۇر قايغۇرغانلىقلىرى قەيت قىلىندى.

دوستانە تۈرك خەلقى ۋە تېررورلۇق ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلە- تاۋابىئاتلىرى ۋە تۇغقانلىرىغا سەمىمىي تەزىيە بىلدۈرۈلگەن مەزكۇر باياناتتا: «قورالسىز كىشىلەرنىڭ قاتىللىرى ئەڭ قاتتىق ئەيىبلەشكە لايىقتۇر» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

رۇسىيە ۋە دانىيەنىڭ ئەنقەرەدىكى ئەلچىخانىلىرىمۇ 13 شېھىت ئۈچۈن تەزىيە تېلېگراممىسى تارقاتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر