بايدىن ھۆكۈمىتى ئىران بىلەن تۈزۈلگەن يادرو كېلىشىمى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

ئامېرىكا ئاقساراي باياناتچىسى جېن پساكى، ئىران يادرو كېلىشىمىگە قايتىپ كەلگەن تەقدىردە، ئامېرىكانىڭمۇ ئوخشاش قەدەمنى تاشلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1579827
بايدىن ھۆكۈمىتى ئىران بىلەن تۈزۈلگەن يادرو كېلىشىمى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باياناتچى جېن پساكى كۈندىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا جو بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ ئىران سىياسىتى توغرىسىدا توختالدى.

ئۇ ئامېرىكانىڭ «ئىران بىلەن تۈزۈلگەن يادرو كېلىشىمى» گە بىر پۈتۈن ھالەتتە قارايدىغانلىقىنى، پەقەت بىرلا مەسىلە سەۋەبىدىن بۇ باسقۇچنىڭ توختىتىلىشىنى خالىمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ «ئالدى بىلەن ئامېرىكا كېلىشىمىگە قايتسۇن» دېگەن چاقىرىقىغا باھا بەرگەن پساكى: «كېلىشىمدىن بىزدىن ئىلگىرىكى ھۆكۈمەت چېكىنىپ چىققانىدى. پىرېزىدېنت بايدىننىڭ يادرو كېلىشىمىگە تۇتقان پوزىتسىيەسى بۇرۇن قانداق بولسا، بۈگۈنمۇ شۇنداق: ئەگەر ئىران بىرلەشمە ئۇنىۋېرسال ھەرىكەت پىلانى كېلىشىمىدىكى ئەھدىلىرىگە تولۇق قايتىپ كەلسە، ئامېرىكامۇ ئوخشاش قەدەمنى تاشلايدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئاقساراي باياناتچىسى يادرو كېلىشىمىگە مۇناسىۋەتلىك سۆھبەتلەرنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئۈچۈن  «توپ ئىراننىڭ مەيدانىدا» ئىكەنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر