بىرمادا ھەربىي ئۆزگىرىشكە قارشى نامايىشلار داۋام قىلماقتا

بىرماداكى ھەربىي ئۆزگىرىش بىلەن سايلام ئارقىلىق كەلگەن ھۆكۈمەت مەسئۇللىرىنىڭ قولغا ئېلىنىشىغا قارشى پارتلىغان نامايىشلار، ئۈچىنچى كۈنىگە قەدەم قويدى ۋە دۆلەتنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا داۋام قىلماقتا.

1579157
بىرمادا ھەربىي ئۆزگىرىشكە قارشى نامايىشلار داۋام قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرما «ناۋ» (Now) خەۋەر تورى تارقاتقان ئىجتىمائىي تاراتقۇ ۋىدېئولىرىدا، پايتەخت نېپىدو (Nepido)، نوپۇسى ئەڭ زىچ يانگون (Yangon) ۋە پاسىيېن قاتارلىق شەھەرلەردە مىڭلارچە كىشىنىڭ ھەربىي ئۆزگىرىشكە قارشى نامايىشلىرىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقى كۆرۈلمەكتە.

بۇددىست راھىپلار، ئىشچىلار ۋە ئوقۇغۇچىلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان نامايىشچىلار، قولغا ئېلىنغان سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋە دۆلەتنىڭ ئەمەلىيەتتىكى رەھبىرى ئاڭ سان سۇچىنىڭ پارتىيەسى دۆلەت دېموكراتىيە بىرلەشمىسى(NLD) گە ۋەكىلىك قىلىدىغان قىزىل بايراقلارنى كۆتۈرۈپ، ھەربىي ئۆزگىرىشكە نارازىلىق بىلدۈردى.

يانگون شەھىرىدىكى نامايىشچىلار: «رەھبەرلىرىمىز قويۇپ بېرىلسۇن»، «بىرما ئۈچۈن ئادالەت» ۋە «ھەربىي ئۆزگىرىشكە قارشى تۇرىمىز» دەپ شوئار توۋلىدى.

نامايىشلارنى تەشكىللىگەنلەرنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئادرېسلىرى ۋە تېلېفونلىرى تاقالغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ فەيسبۇك ۋە تۋىتتېر ئارقىلىق چاقىرىقلارنى قىلىشى دىققەت قوزغىدى.

بىرما ئارمىيەسى 2020-يىلى 8-نويابىر ئۆتكۈزۈلگەن سايلاملاردا ساختىپەزلىك قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، 2021-يىلى 1-فېۋرال ھاكىمىيەتنى ئۆتكۈزۈۋالغان ۋە بىر يىللىق جىددىي ھالەت ئېلان قىلغان ئىدى.

بىرما پىرېزىدېنتى ۋىن ميىنت (Win Myint)، ئېلىنغان سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋە دۆلەتنىڭ ئەمەلىيەتتىكى رەھبىرى ئاڭ سان سۇچى، ھەمدە ئۇنىڭ پارتىيەسىنىڭ مۇھىم كىشىلىرى تۇتقۇن قىلىنغان ئىدى.

دۆلەتنىڭ ھوقۇقىنى قولىغا ئالغان ئارمىيە ئىشتاب باشلىقى مىن ئاڭ خلايىڭ (Min Aung Hlaing) جىددىي ھالەت ئاخىراشقاندىن كېيىن، دېموكراتىك سايلاملارنىڭ ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن، دۆلەت دېموكراتىيە بىرلەشمىسىنىڭ رەھبىرى ئاڭ سان سۇچى بولسا ھەربىي ئۆزگىرىشكە قارشى نامايىش قىلىشنى چاقىرىق قىلغان ئىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر