ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن ھۇجۇم ساقچىلارنىڭ جېنىغا زامىن بولدى
ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدا يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمى 1 ساقچىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.
1578440
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كابۇل جامائەت خەۋپسىزلىكى باش ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى فېردېۋس فارامازنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كابۇلنىڭ خەيرخانا ۋە باگ قازى رايونلىرىدا ئارقىمۇئارقا بومبا ھۇجۇملىرى يۈز بەرگەن، ھۇجۇملاردا بىر ساقچى جېنىدىن ئايرىلغان، 6 كىشى يارىلانغان.
ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېخىچە ھېچكىم ئۆز ئۈستىگە ئالمىغان.