ئامېرىكا رۇسىيەنى تەنقىد قىلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى رۇسىيەنى ئۆكتىچىلەر رەھبىرى ئالېكسېي ناۋالنىينىڭ قولغا ئېلىنىشى مەسىلىسىدە تەنقىد قىلدى.

1577797
ئامېرىكا رۇسىيەنى تەنقىد قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋاشىنگىتون-موسكۋا لىنىيەسىدە دىپلوماتىك ئۇچرىشىشلار بارغانسېرى قويۇقلاشماقتا.

ئالدىنقى ھەپتە ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ تېلېفوندا كۆرۈشۈشىدىن كېيىن، بۇ قېتىم ئامېرىكا ۋە رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى تېلېفونلاشتى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن بىلەن رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋنىڭ تۇنجى تېلېفون سۆھبىتىنىڭ ئاساسلىق كۈنتەرتىپ ماددىلىرىدىن بىرى، يادرو كىرىزىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مۇھىم رول ئوينايدىغان يېڭى ئىستىراتېگىيەلىك قورال – ياراغلارنى ئازايتىش كېلىشىمى بولدى.

ئامېرىكا تەرەپ بولۇپمۇ خىتاينىڭ بۇ ھەقتىكى تەھدىتلىرىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

بلىنكېىن، رۇسىيەنىڭ ئامېرىكا پۇقرالىرى ۋە ئىتتىپاقداشلىرىغا زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلىرىگە قارشى كەسكىن پوزىتسىيە تۇتۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، «تېلېفون سۆھبىتىدە، رۇسىيە تەرەپكە، ۋاشىنگتوننىڭ ئۆكتىچىلەر رەھبىرى ئالېكسېي ناۋالنىي ۋە قولغا ئېلىش ھەرىكەتلىرىگە ئالاقىدار ئەندىشىلىرى تەكرار يەتكۈزۈلدى» دېيىلدى.  

رۇسىيە تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا بولسا، بلىنكېنغا بۇ ھەقتە  تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلگەنلىكى، ھەمدە رۇسىيەنىڭ ئىچكى ئىشلىرى ۋە قانۇنلىرىغا ھۆرمەت قىلىنىشى لازىملىقىنىڭ ئەسكەرتىلگەنلىكى تەكىتلەندى.

باياناتتا يەنە، ئىككى مىنىستىرنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، سۈرىيەنىڭ كېلەچىكى، لىۋىيە ۋە ئۇكرائىنا مەسىلىلىرى توغرىلىقمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر