يەمەن ئارمىيەسى ھۇسىيلارغا زەربە بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى

يەمەن ئارمىيەسى، ئارمىيە بىلەن ھۇسىيلارنىڭ دۆلەتنىڭ غەربىدىكى ھۇدەيدە شەھىرىدە توقۇنۇشقانلىقىنى ئۇقتۇردى...

1577390
يەمەن ئارمىيەسى ھۇسىيلارغا زەربە بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەمەن ئارمىيەسى، ئارمىيە بىلەن ھۇسىيلارنىڭ دۆلەتنىڭ غەربىدىكى ھۇدەيدە شەھىرىدە يۈز بەرگەن توقۇنۇشىدا ھۇسىيلارنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك قوماندانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالتە خەلق ئەسكەرىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ئارمىيەگە قاراشلىق ئامالىكا بىرىگادىسى، شەرقىي يۆنىلىشتىن ھۇدەيدەنىڭ جەنۇبىدىكى تاھىتا شىەھىرىگە سىڭىپ كىرىشكە ئۇرۇنغان ھۇسىيلارنىڭ چېكىندۈرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، توقۇنۇش جەريانىدا ھۇسىيلارنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بەزى قوماندانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالتە خەلق ئەسكىرىنىڭ بىتەرەپ قىلىنغانلىقى، بىر قىسىم خەلق ئەسكەرلىرىنىڭ يارىلانغانلىقى ۋە بىر قىسىملىرىنىڭ قېچىپ كەتكەنلىكى قەيت قىلىندى.

ھۇسىيلار بۇ ھەقتە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىدى.


خەتكۈچ: #ھۇسىي , #يەمەن

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر