ئىران: ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيە تېررورىزمنى نوپۇزىنى كۈچەيتىشنىڭ قورالىغا ئايلاندۇرۇۋالدى

ئىران دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئەمىر خاتەمى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ تېررورىزمنى نوپۇزىنى كۈچەيتىشنىڭ قورالىغا ئايلاندۇرۇۋالغانلىقىنى ئېيتتى.

1577304
ئىران: ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيە تېررورىزمنى نوپۇزىنى كۈچەيتىشنىڭ قورالىغا ئايلاندۇرۇۋالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  ئىران دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، خاتەمى، ھىندىستاننىڭ بانگالورې شەھىرىدە چاقىرىلغان ھىندى ئوكيانغا قىرغاقداش ئەللەر ئىتتىپاقى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنىغا قاتناشقان، ھەمدە بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، ئىراننىڭ ھىندى ئوكياننى دېڭىزدىن دۇنياغا ئېچىلىدىغان ئالاقىلىشىش دەرۋازىسى دەپ قارايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ساھىل دۆلەتلىرىنىڭ ئوكياننىڭ نېمەتلىرىدىن ئادىل بەھرىمەن بولۇشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى قەيت قىلغان، ھەمدە ئىرانلىق قوماندان قاسىم سۇلەيمانى ۋە ئىراق ھەشد شەئبىنىڭ مۇئاۋىن مەسئۇلى ئەبۇ مەھدى ئەلمۇھەندىسنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھۇجۇمىدا ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن سىيونىست ھاكىمىيەت (ئىسرائىلىيە) تېررورىزمنى نوپۇزىنى كۈچەيتىشنىڭ قورالىغا ئايلاندۇرۇۋالدى.»

ئىراننىڭ پارس قولتۇقى ۋە ئوممان دېڭىزى بىلەن ئۇزۇن دېڭىز قىرغىقى ئارقىلىق تۇتۇشىدىغان، ھەمدە ئىستىراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ھۈرمۈز بوغۇزىنى كونترول قىلىۋاتقان بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن خاتەمى،  دۆلىتىنىڭ ھىندى ئوكياندىكى دېڭىز ئارقىلىق كاۋكاز رايونى، ياۋروپا ۋە غەربىي ئاسىيا بىلەن تۇتىشىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر