سۈت بېزى (ئەمچەك) راكى تۇنجى قېتىم دۇنيادا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان راكقا ئايلاندى

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان راكنىڭ سۈت بېزى راكى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

1576918
سۈت بېزى (ئەمچەك) راكى تۇنجى قېتىم دۇنيادا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان راكقا ئايلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 4 – يانۋار دۇنيا راك كېسىلى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن  سۆز قىلغان دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى راك كېسەللىكى مۇتەخەسسىسى ئاندرې ئىلباۋى، «سۈت بېزى راكى دۇنيادا تۇنجى قېتىم ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان راكقا ئايلاندى» دېدى.

ئاندرې ئىلباۋى يېقىنقى 20 يىلدىن بۇيان ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان راك كېسىلى تۈرى ئۆپكە راكىنىڭ بولسا، ئىككىنچى ئورۇنغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى، بوغماق ئۈچەي راكى (چوڭ ئۈچەي ياكى ئۈچەي ۋە تۈز ئۈچەي راكى) نىڭ ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئاندرې ئىلباۋى سېمىزلىكنىڭ سۈت بېزى راكىدا مۇھىم خەتەرلىك ئامىل ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، سېمىزلىكنىڭ يەنە باشقا راك تۈرلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەرنىڭمۇ بىرسى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

كوۋىد-19 يۇقۇمى سەۋەبىدىن راكنى داۋالاش خىزمەتلىرىنىڭ ئاقساپ قالغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىلباۋى، دۇنيا نوپۇسى كۆپىيىۋاتقان ۋە ئۆمۈر قىسقىراۋاتقان بۇ دەۋردە، راكنىڭ تېخىمۇ كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىك بولۇپ قىلىشىدىن قورقىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر