نېتانياھۇنىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە بەھرەين زىيارىتى كېچىكتۈرۈلدى

ئىسىرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياھۇنىڭ مۇشۇ ئاي (2021-يىلى فېۋرال) ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە بەھرەينگە ئېلپ بېرىشى پىلان قىلىنغان زىيارىتىنىڭ كېچىكتۈرۈلگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

1577392
نېتانياھۇنىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە بەھرەين زىيارىتى كېچىكتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسىرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياھۇ مۇشۇ ئايدا ئېلىپ بارماقچى بولغان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە بەھرەين زىيارىتىنى يەنە كېچىكتۈردى.

ئىسىرائىلىيە باش مىنستىرلىق ئىشخانىسى باش مىنىستىر نېتانياھۇنىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە بەھرەين زىيارىتىنىڭ كېچىكتۈرۈلگەنلىكى توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، نېتانياھۇنىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ۋەلىئەھدى شاھزادىسى مۇھەممەد بىن زايىد بىلەن بەھرەين پادىشاھى ھامەد بىن ئىسا ئالخەلىفەنىڭ زىيارەت تەكلىپىنى ۋە دۆلەتلەر ئارىسىدا ئىمزالانغان تارىخىي تىنچلىق كېلىشىمىنى تەقدىرلەيدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«باش مىنىستىر نېتانياھۇنىڭ ئەبۇ زابى ۋە بەھرەين زىيارىتى مۇھىم بولسىمۇ، ئايرودۇرۇملارنىڭ تاقالغان بولۇشى سەۋەبىدىن، بۇ زىيارەتلەرنى كېچىكتۈرۈشنى قارار قىلدى.»

بىراق، مەزكۇر زىيارەتلەرنىڭ قاچان ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلمىدى.

ئىسىرائىلىيە تاراتقۇلىرىدىكى خەۋەرلەردە، نېتانياھۇنىڭ 9-فېۋرال (2021) دا ئەبۇ زابىنى زىيارەت قىلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان ئىدى.

ئىسىرائىلىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) غا قارشى تۇرۇش رامكىسىدا، پايتەخت تېل ئاۋىۋ ئەتراپىدىكى بېن گۇرىيون (Ben Gurion) ئايرودۇرۇمى تاقالغان ئىدى.

 

نېتانياھۇ 2020-يلى دېكابىردا ۋە 2021-يىلى يانۋاردا ئىككى قېتىم ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنى زىيارەت قىلىشنى پىلان قىلغان، ئەمما بۇ زىيارەتلەر ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كېچىكتۈرۈلگەن ئىدى. ئۆتكەن ئايقى (2021-يىلى يانۋار) پىلاندا، ئۈچ كۈنلۈك زىيارەت دائىرىسىدە، ئالدى بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنى، ئارقىدىن بەھرەيننى زىيارەت قىلىش بېكىتىلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر