ئافغانىستاندا ساقچى ئاپتوموبىلى بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدا ساقچى ئاپتوموبىلىغا قىلىنغان بومبا ھۇجۇمىدا بىر ساقچى قازا قىلدى.

1576539
ئافغانىستاندا ساقچى ئاپتوموبىلى بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كابۇل ساقچى ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى فىردەۋس فارامارز پايتەختنىڭ تاڭگى تاراخىل رايونىدا ساقچى ئاپتومولىغا بومبا ھۇجۇمى قىلىنغانلىقىنى  بىلدۈردى.

فارامارز ھۇجۇمدا 1 ساقچىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ۋە 3 ساقچىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېيتتى.

ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېخىچە ھېچ قايسى تەرەپ ئۆز ئۈستىگە ئالمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر