رۇسىيە غەرب ئەللىرىگە نارازىلىق بىلدۈردى

رۇسىيە غەرب ئەللىرىدىن ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىقىنى تەلەپ قىلدى.

1576311
رۇسىيە غەرب ئەللىرىگە نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارىيا زاھاروۋا، رۇسىيەنىڭ «‹ RBK TV› تېلېۋىزىيە قانىلى» دا بەرگەن باياناتىدا، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ رۇس ئۆكتىچى ئالېكسېي ناۋالنىينى قويۇپ بېرىش ھەققىدىكى چاقىرىقلىرى ھەققىدە توختالدى.

 غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ناۋالنىيغا مۇناسىۋەتلىك چاقىرىقلارنى بىر-بىرىگە تەقلىد قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن زاھاروۋا، بۇ خىل باياناتلارنىڭ ھەقىقەتتىن يىراق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنىڭ ھاجىتى يوق، دەرۋەقە، غەرب دۆلەتلىرىدە ساقلىنىۋاتقان نۇرغۇن مەسىلىلەر بار، بىز ھەممىگە ئۆزىنىڭ مەسىلىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشنى تەۋسىيە قىلىمىز .»

رۇسىيە سوت مەھكىمىسى، ئەدلىيە كونترول قىلىش شەرتىگە توشمىغانلىقى ئۈچۈن،  ئۆكتىچى ئالېكسېي ناۋالنىينىڭ 3.5 يىللىق كېچىكتۈرۈلگەن قاماق جازاسىنى نورمال قاماق جازاسىغا ئۆزگەرتىشنى قارار قىلدى. ناۋالنىينىڭ ئادۋوكاتى ۋادىم كوبزېۋ بولسا، بۇ قارارغا نارازىلىق ئەرزى سۇنىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر