پۇتىن يېڭى ئىستىراتېگىيەلىك قورال – ياراغلارنى ئازايتىش كېلىشىمىگە ئالاقىدار قارارنامىنى ئىمزالىدى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن يېڭى ئىستىراتېگىيەلىك قورال – ياراغلارنى ئازايتىش كېلىشىمىنىڭ مۇددىتىنى 2026 – يىلى 5 – فېۋرالغىچە ئۇزارتىش قارارنامىسىنى ئىمزالىدى.

1574065
پۇتىن يېڭى ئىستىراتېگىيەلىك قورال – ياراغلارنى ئازايتىش كېلىشىمىگە ئالاقىدار قارارنامىنى ئىمزالىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېڭى ئىستىراتېگىيەلىك قورال – ياراغلارنى ئازايتىش كېلىشىمى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن 1991 – يىلى، رۇسىيە فېدېراتسىيەسى بىلەن 1993 – يىلى ئىمزالىغان ئىستىراتېگىيەلىك قورال – ياراغلارنى ئازايتىش كېلىشىمىنىڭ داۋامى بولۇپ، ۋاشىنگتون بىلەن موسكۋا ئوتتۇرىسىدا كۈچكە ئىگە ئەڭ ئاخىرقى يادرو كېلىشىمى ھېسابلىنىدۇ. كېلىشىم، ئۇزۇن مۇساپىلىك يادرو قوراللىرى بېشى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى چەكلەشنى نىشان قىلىدۇ.

2011 – يىلى، 5 – فېۋرال كۈنىدىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولۇۋاتقان كېلىشىمنىڭ مۇددىتى، 2021 – يىلى، 5 – فېۋرال كۈنى توشاتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر