ئانتاراكتىكادىكى مۇز تاغ جەنۇبىي جورجىياغا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە

ئانتاراكتىكادىكى مۇزلۇقلاردىن ئاجرىلىپ ئاتلانتىك ئوكياننىڭ جەنۇبىغا قاراپ ئىلگىرىلىگەن دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ مۇز تاغ «A68A» دىن يەنە بىر غايەت چوڭ پارچە ئاجرالدى.

1573741
ئانتاراكتىكادىكى مۇز تاغ جەنۇبىي جورجىياغا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئانتاراكتىكادىكى مۇزلۇقلاردىن ئاجرىلىپ ئاتلانتىك ئوكياننىڭ جەنۇبىغا قاراپ ئىلگىرىلىگەن دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ مۇز تاغ «A68A» دىن يەنە بىر غايەت چوڭ پارچە ئاجرالدى.

ب ب س تۈركچىنىڭ بىر خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، مۇز تېغىدىن ئاجرالغان پارچە ئىككىگە بۆلۈنۈپ، جەنۇبىي جورجىيانىڭ شەرقىي جەنۇبىغا 135 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە ئىكەن.

ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ئاي (2020-يىلى دېكابىر) جەنۇبىي جورجىياغا قاراپ ئىلگىرىلىگەن مۇز تېغىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن تەتقىقاتچىلارنى ئەۋەتكەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر