ئامېرىكادا نىيۇ يورك ۋاقتى گېزىتىنىڭ بىر يازغۇچىسى ئىرانغا جاسوسلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلەندى

ئامېرىكادا نىيۇ يورك ۋاقتى گېزىتىدە ئىلگىرى كۆپ قېتىم ماقالىلىرى ئېلان قىلىنغان يازغۇچى كاۋەھ ئافراسىئابى «ئىراننىڭ مەخپىي جاسوسى» دەپ ئەيىبلەندى.

1570391
ئامېرىكادا نىيۇ يورك ۋاقتى گېزىتىنىڭ بىر يازغۇچىسى ئىرانغا جاسوسلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ يازما باياناتىدا، ئىلگىرى «نىيۇ يورك ۋاقتى گېزىتى» دە ماقالىلىرى ئېلان قىلىنغان ۋە ئۆزىنى «تېھران ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق ئوقۇتقۇچىسى» دەپ تونۇشتۇرغان كاۋەھ ئافراسىئابىنىڭ بۇ ھەپتە قولغا ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

«ئافراسىئابى ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ مەخپىي جاسوسى» دەپ ئەيىبلەنگەن  باياناتتا يەنە، 2007 - يىلدىن بۇيان ئىراننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىللىك ئىشخانىسى تەرىپىدىن ئافراسىئابىنىڭ بانكا ھېسابىغا 265 مىليون دوللار يوللانغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان دېلو مەزمۇنىدا، ئافراسىئابىنىڭ 1957-يىلى ئىراندا تۇغۇلغانلىقى ۋە 1973-يىلى ئامېرىكاغا كەلگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر