ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەنى ناۋالنىينى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى

ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى گېرمانىيەدىن موسكۋاغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىنلا ئايرودۇرۇمدا تۇتقۇن قىلىنغان رۇس ئۆكتىچىسى ئالېكسېي ناۋالنىينىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

1568855
ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەنى ناۋالنىينى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى رەئىسى چارلېز مىشېل، رەھبەرلەرنىڭ چاقىرىقىنى 27 ئەزا دۆلەتنىڭ دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرىنىڭ سىن كۆرۈنۈشلۈك ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) يىغىنىدىن كېيىن جامائەتچىلىك بىلەن ئورتاقلاشتى.

ئۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرىنىڭ ناۋالنىينى زەھەرلەشكە ئۇرۇنۇش ۋەقەسى توغرىسىدا رۇسىيەنىڭ دەرھال مۇستەقىل ۋە ئاشكارا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى كۈتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، رۇسىيەنىڭ تەكشۈرۈشتە خىمىيەلىك قوراللارنى چەكلەش تەشكىلاتى بىلەن ھەمكارلىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

2020 - يىلى 8- ئاينىڭ 20- كۈنى رۇسىيەنىڭ تومسك شەھىرىدىن موسكۋاغا قاراپ كېتىۋاتقان ئالېكسېي ناۋالنىينىڭ سالامەتلىكىدە ئۆزگىرىش كۆرۈلگەندىن ئايروپىلان ئومسك شەھىرىگە قونغان. ئومسكتىكى دوختۇرخانىدا بالنىستقا ئېلىنغان ناۋالنىينىڭ چېيىغا ئارىلاشتۇرۇلغان ماددا بىلەن زەھەرلەنگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەنىدى.

ناۋالنىي 22- ئاۋغۇست ئومسكتىن خۇسۇسىي ئايروپىلانغا گېرمانىيەنىڭ پايتەختى بېرلىندىكى چارىتى دوختۇرخانىسىغا يۆتكەلگەن. 17- يانۋار داۋالىنىشقا بارغان گېرمانىيەدىن قايتىشىدا موسكۋا ئايرودۇرۇمىدا نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانىدى.

سوت ناۋالنىينىڭ «2020- يىلى 12- ئاينىڭ 29- كۈنىدىن باشلاپ نازارەت قىلىش بەلگىلىمىسىگە ئۇدا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇنى 15 – فېۋرالغىچە 30 كۈن تۇتۇپ تۇرۇشقا ھۆكۈم قىلغانىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر