باغدادتا ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى
ئىراق پايتەختى باغدادتا يۈز بەرگەن ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا 12 كىشى جېنىدىن ئايرىلىپ، 20 كىشى يارىلاندى.
1568249
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق پايتەختى باغدادتىكى تاياران بازىرىدا ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى. ھۇجۇمدا، 12 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 20 كىشى يارىلاندى.
باغداد ساقچىلىرى ئادەم بومبا ھۇجۇمىنىڭ تاياران مەيدانىدىكى بازاردا يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
بەزى يارىدارلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكى، بۇ سەۋەبتىن ئۆلۈم سانىنىڭ كۆپىيىش مۇمكىنلىكى قەيت قىلىندى.
ئادەم بڭمبىنىڭ پارتلىغۇچى جىلىتكە كىيىۋالغانلىقى ئەسكەرتىلدى.