جو بايدىن قەسەم بېرىپ ۋەزىپىسىنى رەسمىي تاپشۇرۇۋالدى

ئامېرىكادا 3-نويابىر (2020) ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدىن كېيىن، يېڭى ھۆكۈمەت ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالدى.

1567803
جو بايدىن قەسەم بېرىپ ۋەزىپىسىنى رەسمىي تاپشۇرۇۋالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 3-نويابىر سايلىمىدا غەلىبە قىلغان جو بايدىن بىلەن ئامېرىكا تارىخىدىكى تۇنجى ئايال مۇئاۋىن پىرېزىدېنت كامېلا خارىس (Kamala Harris) قەسەم بېرىپ ۋەزىپىلىرىنى تاپشۇرۇۋالدى.

جو بايدىن بىلەن كامېلا خارىس قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىدىن بۇرۇن، پايتەخت ۋاشىنگتوندىكى خاۋارى ئازىز مەتىيۇ كاتېدرالى (Havari Aziz Matthew Katedral) نى زىيارەت قىلدى ۋە ئۇ يەردىن، كونگرە بىناسىغا باردى.

ئۈرۈمچى ۋاقتى 23:00 تە، بايدىن ئامېرىكانىڭ 46-نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتى، كامېلا خارىس بولسا 49-نۆۋەتلىك مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى بولۇش سۈپىتىدە قەسەم قىلدى.

يېڭى پىرېزىدېنت بايدىن قەسەم قىلغاندىن كېيىن، سۆزىنى مۇنداق باشلىدى:

«بۈگۈن- دېموكراتىيەنىڭ، تارىخنىڭ ۋە ئۈمىدنىڭ كۈنىدۇر. ئامېرىكا دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلارنى پەقەت ئىتتىپاقلىشىش ئارقىلقلا يېڭەلەيدۇ. مەن پۈتكۈل ئامېرىكالىقلارنىڭ پىرېزىدېنتى. بىز ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋەتلىرىمىزنى ‹رېمونت› قىلىمىز، دۇنيا بىلەن يەنە بىر قېتىم تېخىمۇ يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىمىز.»

ئارقىدىن پىرېزىدېنت جو بايدىن ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى، مۇئاۋىن پىرېزىدېنت كامېلا خارىس ۋە ئۇنىڭ يولدىشى ھەربىي پاراتنى سالاملىدى. بۇ ھەربىي ئەنئەنە بولۇپ، ھاكىمىيەتنىڭ يېڭى باش قوماندانغا تىنچلىق شەكىلدە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەنلىكىگە سىمۋول قىلىنىدۇ.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر