ھېلماند ۋىلايىتى ھاشىر ناھىيەسى ھاكىمى قوراللىق ھۇجۇمدا قازا قىلدى

ئافغانىستاننىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان ھېلماند ۋىلايىتىنىڭ ۋاشىر ناھىيەسى ھاكىمى مۇھەممەد زاھىر ھاقيار قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچراپ ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1566547
ھېلماند ۋىلايىتى ھاشىر ناھىيەسى ھاكىمى قوراللىق ھۇجۇمدا قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھېلماند ۋالىيسى ئابدۇننەبى ئېلھام بايانات ئېلان قىلىپ، ھاقيارنىڭ ھېلماندنىڭ مەركىزى لەشكەرگاھ شەھىرىدە كىملىكى نامەلۇم كىشىلەرنىڭ قوراللىق ھۇجۇمىغا ئۇچراپ قازا قىلغانلىقىنى، ھۇجۇمچىلارنى قولغا چۈشۈرۈش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

نەق مەيداندىكى ئەھۋاللارنى كۆرگەنلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋەقەدە ھاكىم بىلەن بىرلىكتە يەنە ئىككى كىشى قازا قىلغان.

ھازىرغىچە ھېچقانداق تەرەپ ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر