ئىران ئامېرىكانىڭ ئەلقائىدە تەشكىلاتى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلىرىگە ئىنكاس قايتۇردى

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىف، ئامېرىكانىڭ ئەلقائىدە تەشكىلاتى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلىرىگە ئىنكاس قايتۇردى.

1562580
ئىران ئامېرىكانىڭ ئەلقائىدە تەشكىلاتى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلىرىگە ئىنكاس قايتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىف، ئەلقائىدە تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ يېڭى ئاساسىي قارارگاھىنىڭ ئىران ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونى «ئۇرۇش ئىغۋاگەرچىلىكى قىلىش» بىلەن ئەيىبلەپ، ئەيىبلەشلەرگە «خام خىيال» دەپ باھا بەردى.

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى زەرىف تىۋىتتېردىكى ئادرېسىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، مايك پومپېيونىڭ تېھراننى ئەلقائىدە تەشكىلاتى بىلەن مۇناسىۋەتلەشتۈرگەن قاراشلىرىغا جاۋاب بەردى.

پومپېيونىڭ 2019- يىلى 4- ئايدا تېكساستىكى A&M ئۇنىۋېرسىتېتىدا قىلغان سۆزى ئەسناسىدىكى: «مەن ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئىدىم. بىز يالغان ئېيتتۇق، ئالدىدۇق ۋە ئوغرىلىدۇق» دېگەن ئىبارىلىرىنى نەقىل كەلتۈرگەن زەرىف: «<يالغان سۆزلىدۇق، ئالدىدۇق ۋە ئوغرىلىدۇق> ئەپەندى ئۆزىنىڭ ئاپەت خاراكتېرلىك كەسپىي ھاياتىنى تېخىمۇ كۆپ ئۇرۇشقا قۇتراتقۇچى يالغانلىرى بىلەن ئېچىنىشلىق شەكىلدە ئاخىرلاشتۇرۇۋاتىدۇ. ھېچكىم ئالدانمايدۇ. 11- سېنتەبىردىكى (ئامېرىكادىكى ئەلقائىدە ھۇجۇملىرى) تېررورچىلار ئىراندىن ئەمەس، بەلكى پومپېيونىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ئەڭ ياقتۇرىدىغان يەرلىرىدىن كەلگەنىدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

زەرىف پومپېيونىڭ ئەيىبلىشىگە «خىيالىي» دەپ باھا بېرىپ رەت قىلدى.

ئامېرىكانىڭ «نيۇيورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ 2020- يىلى 11- ئاينىڭ 14- كۈنىدىكى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان دۆلەت بىخەتەرلىك خادىملىرىنى مەنبە قىلىپ بەرگەن خەۋىرىدە، «ئەلقائىدە» تەشكىلاتىنىڭ ئىككىنچى نومۇرلۇق ئادىمىنىڭ ئىراندا ئامېرىكاغا ۋاكالىتەن ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئىسرائىلىيە دۆلەت بىخەتەرلىك خادىملىرى تەرىپىدىن قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئىراننىڭ ئەلقائىدە تېررورلۇق تەشكىلاتىغا دۆلەت ئىچىدە يېڭى ھەرىكەت مەركەزلىرىنى قۇرۇش ئىجازىتى بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋە ئەلقائىدە ئىراندىكى بەش كاتتىبېشىنى ئالاھىدە خەلقئارالىقىكى تېررورچىلار تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنلىكلىرىنى ئۇقتۇرغانىدى.

پومپېيو ئىراننىڭ ئەلقائىدە تەشكىلاتىنىڭ «يېڭى ئاساسىي مەركىزى» ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر