ئامېرىكا كۇبانى قايتىدىن «تېررورلۇققا ياردەم بەرگەن دۆلەتلەر» تىزىملىكىگە كىرگۈزدى

ترامپ ھۆكۈمىتى ھاكىمىيەتنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە بىر ھەپتە قالغاندا،سابىق پىرېزىدېنت ئوباما دەۋرىدە يولغا قويۇلغان مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇش سىياسىتى نەتىجىسىدە«تېررورلۇققا ياردەم بەرگەن دۆلەتلەر تىزىملىكى»دىن چىقىرىۋېتىلگەن كۇباغا قارشى بىر قەدەم تاشلىدى.

1561827
ئامېرىكا كۇبانى قايتىدىن «تېررورلۇققا ياردەم بەرگەن دۆلەتلەر» تىزىملىكىگە كىرگۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو كۇبانىڭ «تېررورلۇققا ياردەم بەرگەن دۆلەتلەر» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكى توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا: «تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تېررورىستلارغا پاناھلىنىش ئىمكانىيىتى يارىتىپ، خەلقئارالىق تېررورلۇق ھەرىكەتلەرگە ياردەم قىلغانلىقى ئۈچۈن، كۇبانى تېررورلۇققا ياردەم بەرگەن دۆلەت دەپ بېكىتتى» دېيىلدى.

ئۇ ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ باشتىن تارتىپ كۇبانىڭ خەلققە قارشى قىلغان مۇئامىلىسىگە ۋە ۋېنېزۇئېلا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئامېرىكا قىتئەسىدىكى پائالىيەتلىرىگە قارىتا قەدەم تاشلاپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «بۇ قەدەم بىلەن، كۇبا ھۆكۈمىتىدىن يەنە بىر قېتىم ھېساب سورايمىز ۋە ئۇلارغا ناھايىتى ئېنىق ھالدا مۇنداق سىگنال بېرىمىز: كاسترو ھاكىمىيىتى خەلقئارالىق تېررورىزمغا قىلىۋاتقان ياردىمىنى توختىتىشى ۋە ئامېرىكا ئادالىتىگە زىيان يەتكۈزۈشتىن ۋاز كېچىشى كېرەك» دېدى.

كۇبانىڭ ئونلارچە يىللاردىن بۇيان ئامېرىكانى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ سوتىدىن قاچقان جىنايەتچىلەرنى قوينىغا ئالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ: «بۈگۈنكى بېكىتىش، كۇبا بىلەن مۇئەييەن ساھەلەردە سودا قىلغان دۆلەتلەرگە ۋە كىشىلەرگە قارشى جازا يۈرگۈزۈش ئارقىلىق كۇبانى ئېمبارگوغا دۇچار قىلىدۇ. ئامېرىكانىڭ كۇباغا قارشى تاشقى ياردەملەرگە قويغان چەكلىمىسى، كۇبا ۋە مۇناسىۋەتلىك دۆلەت ھەمدە تەشكىلاتلارنىڭ، مۇداپىئە مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىشنى ۋە سېتىپ بېرىشنى چەكلەيدۇ. كۆپ قوللىنىشچانلىققا ئىگە مەھسۇلاتلارغا بەزى ئېكسپورت چەكلىمىلىرىنى قويىدۇ» دېدى.

سابىق پىرېزىدېنت باراك ئوباما 2015-يىلى 29-ماي كۇبانى تېررورلۇققا ياردەم بەرگەن دۆلەتلەر تىزىملىكىدىن چىقىرىۋەتكەن ئىدى.

ئۆتكەنكى ھەپتىلەردە سۇدان چىقىرىۋېتىلگەن تېررورلۇققا ياردەم بەرگەن دۆلەتلەر تىزىملىكىدىن، ئىران، كۇبا، شىمالىي كورېيە ۋە سۈرىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئورۇن ئالدى.     



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر