ئامېرىكا تەيۋەن بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردىكى بارلىق چەكلىمىلەرنى بىكار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ئامېرىكانىڭ تەيۋەن بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردىكى بارلىق چەكلىمىلەرنى بىكار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1560658
ئامېرىكا تەيۋەن بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردىكى بارلىق چەكلىمىلەرنى بىكار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى
pompeo.JPG
tayvan.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مايك پومپېيو دونالد ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشىگە بىر نەچچە كۈن قالغاندا، ئامېرىكا-تەيۋەن مۇناسىۋەتلىرىگە ئالاقىدار يەنە بىر مۇھىم قەدەمنى تاشلىدى.

پومپېيو تەيۋەننىڭ دىنامىك كۈچكە ئىگە ئىتتىپاقداش دۆلەت ئىكەنلىكىنى، بىراق بۈگۈنگە قەدەر ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش مەقسىتىدە ئۆزلىكىدىن بەزى چەكلىمىلەر قويۇلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بۈگۈن بىز ئۆزىمىز قويغان بارلىق چەكلىمىلەرنى بىكار قىلىمىز» دېدى.

ئامېرىكانىڭ دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا «غەيرىي رەسمىي» ئىتتىپاقداشلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن پومپېيو، تەيۋەننىڭ بۇنىڭدىن كېيىن مۇستەسنا ھېسابلانمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

مىنىستىر پومپېيو ئامېرىكانىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى كېللىي كرافتنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تەيۋەننى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان، خىتاي بولسا، بۇ خىل زىيارەتكە قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى «بىر خىتاي» پىرىنسىپىنى ئۆزلەشتۈرۈپ، خىتايغا خەلقئارا جەمئىيەتتە پەقەت ئۆزلىرىنىڭلا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلمەكتە ھەمدە تەيۋەننىڭ دۇنيا دۆلەتلىرى بىلەن مۇستەقىل دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنى ئورنىتىشىغا شۇنداقلا ب د ت ۋە باشقا خەلقئارالىق تەشكىلاتلاردا ۋەكىل تۇرغۇزۇشىغا قارشى چىقىپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر