ئافغانىستاندا جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى باياناتچىسى بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

ھۇجۇمدا ئافغانىستان جامائەت خەۋسىزلىكى مىنىستىرلىقى باياناتچىسى زىيا ۋادان ۋە ئۇنىڭ 2 دوستى قازا قىلدى.

1560663
ئافغانىستاندا جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى باياناتچىسى بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدا يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىدا ئۈچ كىشى قازا قىلدى.

ئافغانىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى تارىق ئاريەن مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى باياناتچىسى زىيا ۋاداننىڭ ئاپتوموبىلىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بومبانىڭ كابۇلنىڭ كارتە-نېۋ رايونىدا پارتىلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تارىق ئاريەن ھۇجۇمدا زىيا ۋادان ۋە ئۇنىڭ 2 دوستىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ھەمدە 1 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتچى بۇ ھۇجۇمدا تالىباننىڭ جاۋابكارلىقى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېخىچە ھېچكىشى ئۆز ئۈستىگە ئالمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر