سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارغا يۈرگۈزۈلگەن ئېمبارگولارنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى

سەئۇدى ئەرەبىستان «پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كېڭىشى» رەھبەرلەر يىغىنى ئارقىلىق قاتار بىلەن بولغان ئۇقۇشماسلىقلارغا خاتىمە بېرىلگەنلىكىنى ۋە  دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

1558217
سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارغا يۈرگۈزۈلگەن ئېمبارگولارنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فايسال بىن فەرخان ئەل سەئۇد تۈنۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن 41 – نۆۋەتلىك پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كېڭىشى رەھبەرلەر يىغىنىدا، قاتارغا ئېمبارگو يۈرگۈزگەن دۆلەتلەرنىڭ قاتار بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكىنى ۋە ئېمبارگولارنىڭ بىكار قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

فايسال بىن فەرخان بىلەن پارس قولتۇقى دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كېڭىشىنىڭ باش كاتىپى نايف ئەل ھاجراف بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىپ، پارس قولتۇقى كرىزىسىنىڭ ئاخىرلاشتۇرۇلغانلىقى ئېلان قىلىنغان 41 - نۆۋەتلىك پارس قولتۇقى دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كېڭىشى رەھبەرلەر يىغىنىدا، رەھبەرلەر تەرىپىدىن ئىمزالانغان «ئۇلا خىتابنامىسى» ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

فايسال بىن فەرخان رەھبەرلەر ئىمزالىغان خىتابنامىدا «پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىنىڭ ھەرقانداق شەكىلدە، بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ھالدا ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشقا قارشى ھەمكارلىشىشنىڭ تەكىتلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئىمزالانغان خىتابنامە  ۋە رەھبەرلەر يىغىنىدىن كېيىن قاتارغا يۈرگۈزۈلگەن ئېمبارگولارنىڭ بىكار قىلىنىدىغانلىقىنى جاكارلاپ، «پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كېڭىشى رەھبەرلەر يىغىنى ئارقىلىق قاتار بىلەن بولغان ئۇقۇشماسلىقلارغا خاتىمە بېرىلدى ۋە  دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەر قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر