مالىدا كەم دېگەندە 100 پۇقرانىڭ جېنىغا زامىن بولغان ھۇجۇم فىرانسىيە تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلدىمۇ؟

مالىنىڭ موپتى رايونىدا يەكشەنبە كۈنى كېچىسى كەم دېگەندە 100 پۇقرانىڭ قازا قىلغانلىقى ئېلان قىلىنغان ھاۋا ھۇجۇمىنىڭ فىرانسىيە تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

1558245
مالىدا كەم دېگەندە 100 پۇقرانىڭ جېنىغا زامىن بولغان ھۇجۇم فىرانسىيە تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلدىمۇ؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئارمىيە مەنبەلىرى يەكشەنبە كۈنى كەچتە موپتى رايونىنىڭ بونتى يېزىسىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ھەربىي مەنبەلەر گەرچە بۇ ھۇجۇمنىڭ پۇقرالارنى نىشان قىلمىغانلىقىنى، قوراللىق گۇرۇپپىلارغا قارىتىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، مالى مەنبەلىرى ھاۋا ھۇجۇمىدا بىر توي مۇراسىمىنىڭ  بومباردىمان قىلىنغانلىقىنى ۋە كىچىك بالىلارنىمۇ قوشقاندا كەم دېگەندە 100 پۇقرانىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

فىرانسىيە يېقىنقى 10 كۈن ئىچىدە مالىدىكى بارخانە ھەرىكىتىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان 5 ئەسكىرىدىن ئايرىلىپ قالغان ئىدى.

فرانسىيە 2014 - يىلى باشلانغان بارخانە ھەرىكىتى دائىرىسىدە، ماۋرىتانىيە، مالى، بۇركىنا فاسو، نىگېر ۋە چادقا 5100 نەپەر ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر