شى جىنپىڭ ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش پەرمانى چۈشۈردى

شى جىنپىڭ خىتاي ئارمىيەسىگە «ئۇرۇشقا تولۇق تەييارلىق قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇش» ۋە «ھەر قانداق ۋاقىتتا ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش» يوليورۇقى چۈشۈردى.

1557985
شى جىنپىڭ ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش پەرمانى چۈشۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئارمىيەگە «ئۇرۇشقا تولۇق تەييارلىق قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇش» ۋە «ھەر قانداق ۋاقىتتا ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش» يوليورۇقى چۈشۈردى.

رۇسىيە سپۇتنىك (Sputnik)  تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، خىتاي مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئارمىيەنىڭ ئۇرۇشتا تېخنولوگىيەدىن پايدىلىنىشنى «مۇھىم دەرىجىدە ئاشۇرۇش» نى ۋە «ئالدىنقى سەپ تەلىم-تەربىيەلىرى» نى كۈچەيتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئۇ يەنە، زامانىۋى تېخنىكىلارنى «ئۈنۈملۈك ئۇرۇشنىڭ يادروسى» دەپ خۇلاسىلەپ، ئارمىيەدىن ھەربىي ھەرىكەتلەردە تېخىمۇ يۇقىرى تېخنولوگىيەلەردىن ۋە ئىنتېرنېت تورلىرىدىن پايدىلىنىش ئۈستىدە ئىزدىنىشكە بۇيرىغان.

ئۇ: «ئارمىيەنىڭ ئەسكەرلىرى ۋە قوماندانلىرى قىيىنچىلىقلاردىن ۋە ئۆلۈمدىن قورقماي ئۇرۇش قىلىش روھىنى جارى قېلدۇرۇشى كېرەك» دېدى.

جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شى جىنپىڭنىڭ بۇرۇن قىلغان سۆزلىرىگە ئوخشىمايدىغان ھالدا «ئالدىنقى سەپ» نى تىلغا ئېلىشى، تەيۋەن بىلەن ھىندىستانغا ئوخشاش چېگرا ئىختىلاپلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن ۋە بۇ دىققەتنى ئالاھىدە تارتىدىكەن.

ھىندىستان بىلەن خىتاينىڭ ھىمالايادىكى چېگرا ئىختىلاپى، 2020-يىلى ئىيۇن ئېيىدا 20 ھىندىستان ئەسكىرىنىڭ ئۆلۈمى ۋە بېيجىڭنىڭ ئېلان قىلمىغان ئەسكىرى يوقىتىشىغا سەۋەب بولغان توقۇنۇش بىلەن نەتىجىلەندى. ھەر ئىككى تەرەپ جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش توغرىسىدا ۋەدىلەرنى بەرگەن بولۇشىغا قارىماي، چېگرالاردىكى ئىختىلاپلار داۋاملاشماقتا.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر