ھىندىستاندا بېتون سايىۋەن گۆمۈرۈلۈپ چۈشۈپ 23 ئادەم قازا قىلدى

ھىندىستاننىڭ ئۇتتار پرادېش ئۆلكىسىنىڭ غازىئاباد شەھىرىدە دەپنە مۇراسىمى ئىشتىراكچىلىرى يامغۇر يۈزىسىدىن كىرىۋالغان بېتون سايىۋەن گۆمۈرۈلۈپ چۈشتى...

1556791
ھىندىستاندا بېتون سايىۋەن گۆمۈرۈلۈپ چۈشۈپ 23 ئادەم قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستاننىڭ ئۇتتار پرادېش ئۆلكىسىنىڭ غازىئاباد شەھىرىدە دەپنە مۇراسىمى ئىشتىراكچىلىرى يامغۇر يۈزىسىدىن كىرىۋالغان بېتون سايىۋەن گۆمۈرۈلۈپ چۈشۈپ 23 ئادەم قازا قىلدى.

مەھەللىي تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، مۇراسىم جەريانىدا بېتون سايىۋەننىڭ ئاستىغا كىرىۋالغان 38 كىشى خارابىلىكنىڭ ئاستىدا قالغان.

قۇتقۇزۇش خادىملىرى 23 كىشىنىڭ جەسىتىنى خارابىلىك ئاستىدىن چىقارغان، يارىلانغانلار بولسا يېقىن ئەتراپتىكى دوختۇرخانىلاردا بالنىستقا ئېلىنغان.

ئىگلىنىشىچە، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ۋەقە توغرىسىدىكى تەكشۈرۈشى داۋاملاشماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر