ئەلقائىدە مالىدا فىرانسىيە ئەسكەرلىرىگە ھۇجۇم قىلدى

مالىدىكى «بارخانە» ھەرىكىتىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئىككى نەپەر فىرانسىيە ئەسكىرى ئاپتوموبىللىرىغا قىلىنغان بومبا ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1556307
ئەلقائىدە مالىدا فىرانسىيە ئەسكەرلىرىگە ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مالىنىڭ مېنېكا رايونىدىكى ھەرىكەتكە قاتناشقان فىرانسىيە ئەسكەرلىرىگە قىلىنغان بومبا ھۇجۇمىدا يەنە بىر ئەسكەر يارىلاندى.

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون ئەسكەرلەرنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئازابىنى ئورتاقلاشقانلىقىنى ئېلان قىلدى ۋە تەزىيە تېەكلىرىنى يوللىدى.

مالىنىڭ بۇركىنافاسو ۋە نىگېر چېگراسىغا جايلاشقان خومبورى رايونىدا، فىرانسىيە قىسىملىرىنىڭ بارخانە ھەرىكىتىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن ئەسكەرلەرنىڭ ئاپتوموبىلى 28 – دىكابىردا ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ئىدى.

3 ئەسكەر ئۆلتۈرۈلگەن بۇ ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئەلقائىدەنىڭ ساھەلدە پائالىيەت قىلىۋاتقان  «GSIM» ناملىق تارمىقى ئۆز ئۈستىگە ئالغان ئىدى.

فىرانسىيە 2014 - يىلى باشلىغان بارخانە ھەرىكىتى دائىرىسىدە، ساھەل رايونىدىكى ماۋرىتانىيە، مالى، بۇركىنافاسو، نىگېر ۋە چادقا 5100 ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر