ئىراقتا دائېشنىڭ ھۇجۇمى ئىراق ئەسكەرلىرىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

ئىراقنىڭ كەركۈك شەھىرىنىڭ داقۇق ناھىيەسى ئەتراپىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش يول چېتىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان بومبىنىڭ يىراقتىن تىزگىنەك بىلەن پارتلىتىلىشى نەتىجىسىدە بىر ئىراق ئەسكىرى ھاياتىدىن ئايرىلدى، 4 ئەسكىرى يارىلاندى.

1556062
ئىراقتا دائېشنىڭ ھۇجۇمى ئىراق ئەسكەرلىرىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كەركۈك  ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئاخبارات ئىشلىرى باياناتچىسى ئامىر نۇرىنىڭ ئېيتىشىچە، شەھەرنىڭ جەنۇبىدىكى داقۇق ناھىيەسى ئەتراپىدا ئىراق ئارمىيەسىگە تەۋە بىر ھەربىي ئاپتوموبىل ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئەزالىرى تەرىپىدىن يول چېتىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇلغان بومبا يىراقتىن تىزگىنەك بىلەن پارتلىتىلغان، پارتلاش نەتىجىسىدە، بىر ئىراق ئەسكىرى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 4 ئەسكىرى يارىلانغان. ھۇجۇمدىن كېيىن، داقۇق ناھىيەسى ئەتراپىدا ھەربىي ھەرىكەت باشلانغان بولۇپ، ھەربىي ھەرىكەت ناھىيەنىڭ جەنۇبىدىكى يېزا – قىشلاقتىمۇ داۋاملىشىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر