يۇقۇمنىڭ بىر قىسىم غەرب ئەللىرىدىكى ئەھۋالىغا دائىر يېڭى ئۇچۇرلار...

دۇنيا مىقياسىدا كوۋىد – 19 سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى بىر مىليون 812 مىڭ 675 كە يەتتى. يۇقۇملانغۇچىلار سانى 83 مىليون 102 مىڭدىن، سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر سانى 58 مىليون 897 مىڭدىن ئاشتى.

1555148
يۇقۇمنىڭ بىر قىسىم غەرب ئەللىرىدىكى ئەھۋالىغا دائىر يېڭى ئۇچۇرلار...

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يۇقۇمنىڭ مەركىزى بازىسىغا ئايلانغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ئۈچ مىڭ 700 ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقى، 124 مىڭ 686 كىشىدە يۇقۇم بايقالغانلىقى، بۇنىڭ كېسەللىك تارقالغاندىن بۇيانقى بىر كۈن ئىچىدە بايقالغان ئەڭ كۆپ يۇقۇملانغۇچى سانى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى. ئامېرىكادا ھازىرغىچە 350 مىڭ 778 كىشى قازا قىلدى، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 20 مىليون 216 مىڭ 991 گە يەتتى.

ئەنگلىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 981 ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقى، بۇنىڭ بىلەن يۇقۇم باشلانغاندىن بۇيان قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانىنىڭ 72 مىڭ 548 گە يەتكەنلىكى؛ يېڭىدىن يۇقۇم بايقالغان 50 مىڭ 23 كىشىنى قوشقاندا يۇقۇملانغۇچىلار ئومۇمىي سانىنىڭ 2 مىليون 432 مىڭ 888 گە يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

فىرانسىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە قازا قىلغان 304 كىشىنى قوشقاندا جەمئىي قازا قىلغانلار سانى 64 مىڭ 381 گە يەتكەنلىكى؛ يەنە ئوخشاش مۇددەت ئىچىدە يېڭىدىن يۇقۇم بايقالغان 26 مىڭ 457 كىشىنى قوشقاندا جەمئىي يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ 2 مىليون 600 مىڭ 498 گە يەتكەنلىكى دوكلات قىلىندى.

ئىسپانىيەدە يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى تۈنۈگۈن قازا قىلغان 247 كىشىنى قوشقاندا 50 مىڭ 689 غا؛ يېڭىدىن يۇقۇم بايقالغان 16 مىڭ 716 ئادەمنى قوشقاندا جەمئىي يۇقۇملانغۇچىلار سانى 921 مىڭ 115 كە يەتتى.

چېخىيەدە يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى 11 مىڭ 580 گە يەتتى. يېقىنقى يىگىرمە تۆت سائەت ئىچىدە يۇقۇم بايقالغان 16 مىڭ 939 كىشىنى قوشقاندا يۇقۇملانغۇچىلار ئومۇمىي سانى 718 مىڭ 661 گە يەتتى.

يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى 15 مىڭدىن ھالقىغان، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 572 مىڭ 982 گە يەتكەن كانادادا، ئايروپىلان يولۇچىلىرىدىن ئۈچ بۇرۇنقى نەتىجىسى مەنپىي چىققان يۇقۇم تەكشۈرۈش ئانالىزى تەلەپ قىلىنىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى.

باشقا بىر قىسىم دۆلەتلەردىكى يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى تۆۋەندىكىچە:

بىرازىلىيەدە 193 مىڭ 940؛ مېكسىكادا 124 مىڭ 897؛ ئىتالىيەدە 73 مىڭ 604؛ ئارگېنتىنادا 43 مىڭ 163؛ كولومبىيەدە 42 مىڭ 909؛ پېرۇدا 37 مىڭ 621؛ گېرمانىيەدە 33 مىڭ 172؛ پولشادا 28 مىڭ 19؛ بېلگىيەدە 19 مىڭ 441؛ ئۇكرائىنادا 18 مىڭ 324؛ چىلىدا 16 مىڭ 499؛ رومېنىيەدە 15 مىڭ 596؛ ئېكۋاتوردا 14 مىڭ 23؛ چېخىيەدە 11 مىڭ 429 ۋە گوللاندىيەدە 11 مىڭ 324.


خەتكۈچ: #ۋىرۇس , #يۇقۇم

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر