رۇسىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئېمبارگو قارارىغا جاۋاب قايتۇردى

رۇسىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئېمبارگو يۈرگۈزۈش قارارىغا گېرمانىيەنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ۋە ئاخبارات تەشكىلاتلىرىنىڭ بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇللىرىنىڭ رۇسىيەگە كىرىشىگە چەكلىمە قويۇش ئارقىلىق جاۋاب قايتۇردى.

1554493
رۇسىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئېمبارگو قارارىغا جاۋاب قايتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە فېدېراتسىيە مەجلىسى، 2015 – يىلى تۈرلۈك تور  ھۇجۇملىرىغا ئۇچرىغان، ئارقىدىنلا، مەجلىسنىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئۇل ئەسلىھەلىرى ۋەيران بولغانىدى. بېرلىن ھۆكۈمىتى، 2015-يىلى گېرمانىيە فېدېراتسىيە مەجلىسىگە قىلىنغان تور ھۇجۇمىدا رۇسىيەنىڭ ئىزى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەگە قارشى بىر تەرەپلىمىلىك ھالدا يېڭى ئېمبارگو يۈرگۈزۈش پىلانى ئۈچۈن بۇ ئەھۋالنى باھانە قىلغان. 2020 – يىلى، 22 – ئۆكتەبىر كۈنى، ياۋروپا ئىتتىپاقى  كېڭىشى، ئىككى رۇس پۇقراسى ۋە بىر رۇس شىركىتىگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈش توغرۇلۇق قارار چىقارغان.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئېمبارگو قارارىغا جاۋاب تەرىقىسىدە، رۇسىيە دۆلەت تېرروتېرىيەلىرىگە كىرىشى چەكلەنگەن گېرمانىيە پۇقرالىرىنىڭ تىزىملىكىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى قارارلاشتۇرغان.

بۇ دائىرىدە،  گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق دۆلەت بىخەتەرلىك ۋە ئاخبارات تەشكىلاتلىرىنىڭ بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇللىرى، رۇسىيەگە كىرىشىگە چەكلىمە قويۇلغانلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، «ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلار تىزىملىكى» گە كىرگۈزۈلگەن شەخسلەرنىڭ ئىسىملىرى ئاشكارىلانمىغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر