ياپونىيەدە ئونتاكې يانار تېغى ھەرىكەتكە ئۆتتى
ياپونىيەنىڭ كاگوشىما ئۆلكىسىگە قاراشلىق سۇۋانوزا ئارىلىغا جايلاشقان ئونتاكې يانار تېغى پارتلىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى (JMA) كاگوشىمانىڭ غەربىي جەنۇبىدىن 230 كىلومىتىر يىراقلىقتىكى سۇۋانوزا ئارىلىغا جايلاشقان يانار تاغنىڭ شۇ يەرنىڭ ۋاقتى 02.48 دە ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ياپونىيە مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى (JMA) پارتىلاش سەۋەبىدىن ئۇچۇپ چىققان قىيا پارچىلىرىنىڭ 1.3 كىلومىتىر يىراقلىقىچە تارقالغانلىقىنى ۋە يانار تاغدىن كۆتۈرۈلگەن ئىس – تۈتەكلەرنىڭ 200 مېتىر ئۆرلىگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
ياپونىيە مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى (JMA) ئونتاكې يانار تېغىنىڭ ۋولقان ھەرىكىتى سەۋىيەسىنىڭ 3 - دەرىجىگە كۆتۈرۈلگەنلىكىنى، يانار تاغ ئازگىلىغا يېقىنلاشماسلىق كېرەكلىكىنى ۋە دەسلەپكى ئېنىقلاشقا ئاساسلانغاندا، ئادەم ئۆلۈش ياكى يارىلىنىش ھادىسىسى كۆرۈلمىگەنلىكىنى جاكارلىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
لىۋان ھىزبۇللاھى: ئىسىرائىلىيە پۇشايمان قىلىدۇ
لىۋان ھىزبۇللاھى ئىسىرائىلىيە ھۇجۇم قىلسا «پۇشايمان» قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.