تۈركىيە پاكىستانغا تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە پاكىستانغا بەلۇجىستان رايونىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋە گىلگىت – بالتىستان رايونىدا يۈز بەرگەن تىك ئۇچار ئايروپىلان قازاسىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان ھەربىيلەر ئۈچۈن تەزىيە بىلدۈردى.

1552935
تۈركىيە پاكىستانغا تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ئەنقەرەنىڭ، بەلۇجىستان رايونىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋە گىلگىت – بالتىستان رايونىدىكى تىك ئۇچار ئايروپىلان قازاسىدا، پاكىستان ئارمىيەسىنىڭ 11 مەنسۇبىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلانغان ھالدا خەۋەر تاپقانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «بەلۇجىستان رايونىدا يۈز بەرگەن قەبىھ تېرورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلەيمىز. تېرورلۇق ھۇجۇمىدا ۋە تىك ئۇچار ئايروپىلان قازاسىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھ تائالادىن رەھمەت، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلەيمىز، دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت پاكىستان خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر