يەر شارىغا «يوشۇرۇن تەھدىت» پەيدا قىلغان 3 كىچىك سەييارىنىڭ يېقىنلىشىۋاتقانلىقى ئېلان قىلىندى

ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى «NASA» نىڭ يەرشارىغا يېقىن جىسىملارنى تەتقىق قىلىش مەركىزى «CNEOS»، «يوشۇرۇن تەھدىد» دەپ تۈرگە ئايرىغان 3 كىچىك سەييارىنىڭ يېقىنلاپ قالغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1550479
يەر شارىغا «يوشۇرۇن تەھدىت» پەيدا قىلغان 3 كىچىك سەييارىنىڭ يېقىنلىشىۋاتقانلىقى ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى «NASA» نىڭ يەرشارىغا يېقىن جىسىملارنى تەتقىق قىلىش مەركىزى «CNEOS» نىڭ ھېسابلىشىچە، كىچىك سەييارىلەر 25 - دېكابىر يەرشارىغا ئەڭ يېقىن نۇقتىدا بولىدىكەن.

ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ چوڭىنىڭ دىئامېتىرى 200 مېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، يەرشارى بىلەن بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن 3 مىليون كىلومىتىر كېلىدىكەن.

«501647» (2014 SD224)» دەپ ئاتالغان بۇ كىچىك سەييارە ئەڭ ئاخىرقى قېتىم 2020 - يىلى 1-ئايدا يەرشارىغا يېقىنلاشقان ئىدى.

كىچىك سەييارە كېلەر قېتىم 2021 - يىلى 12-ئايدا يەرشارىغا يېقىن يەردىن ئۆتىدۇ.

ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى «NASA»  0.05 ئاسترونومىيىلىك بىرلىك دائىرىسىگە كىرىدىغان ۋە دىئامېتىرى كەم دېگەندە 140 مېتىر كېلىدىغان بارلىق ئالەم جىسىملىرىنى  «يوشۇرۇن تەھدىد» دەپ تۈرگە ئايرىپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر