يۇقۇمنىڭ بىر قىسىم غەرب ئەللىرىدىكى ئەھۋالىغا دائىر ئۇچۇرلار

دۇنيا مىقياسىدا ۋىرۇس سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى بىر مىليون  711 مىڭ 488 گە، يۇقۇملانغانلار سانى 77 مىليون 816 مىڭغا، ساقايغانلار سانى 54 مىليون 652 مىڭغا يەتتى.

1549625
يۇقۇمنىڭ بىر قىسىم غەرب ئەللىرىدىكى ئەھۋالىغا دائىر ئۇچۇرلار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى ئومۇمىي  326 مىڭ 772 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 18 مىليون 473 مىڭ 716 گە يەتتى. ئامېرىكا پالاتاسى «ۋۇخەن ۋىرۇسى» يۇقۇمىنىڭ ئىقتىسادقا كۆرسەتكەن تەسىرلىرىگە قارىتا تەخمىنەن 900 مىليارد دوللارلىق ياردەم لايىھەسى بىلەن 1.4 تىرىليون دوللارلىق خامچوت لايىھەسىنى تەستىقلىدى. بۇ ئارىلىقتا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى سەۋەبلىك، مىنىستىرلىقتىكى تەدبىرنىڭ دەرىجىسىنى قايتىدىن «1-باسقۇچ» قىلىپ بېكىتتى. يەنە بىر تەرەپتىن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى بولۇپ سايلانغان جو بايدىن، كامېرالار ئالدىدا Pfizer ۋە BioNTech تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنى ئەملەتكۈزدى.

بىرازىلىيەدە يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 187 مىڭ 322 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 7 مىليون  264 مىڭغا يەتتى. دۆلەتتە كوۋىد -19 ۋاكسىنىسىنىڭ كاندىداتى CoronaVac نىڭ كلىنىكىلىق سىناقلىرى تاماملاندى.

ئىتالىيەدە يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 69 مىڭ 215 كە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى بىر مىليون 964 مىڭغا يەتتى.

ئەنگىلىيەدە يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 67 مىڭ 616 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 2 مىليون 73 مىڭغا يەتتى.

فىرانسىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە قازا قىلغان 354 كىشى  بىلەن قوشقاندا،  يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 60 مىڭ 900 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 2 مىليون 479 مىڭ 151 گە يەتتى.

كانادادا يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 14 مىڭ 331 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 515 مىڭ 314 كە يەتتى.

ئاۋسترالىيەدە يۇقۇم سەۋەبىدىن 908 كىشى قازا قىلدى، 28 مىڭ 219 كىشى يۇقۇملاندى. دۆلەتتە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» يۇقۇمىنىڭ تېخىمۇ تېز تارقىلىدىغان بىر خىل تۈرى بايقالدى.

مولداۋىيەدە يۇقۇم سەۋەبىدىن 2 مىڭ 777 كىشى قازا قىلدى، 135 مىڭ 910 كىشى يۇقۇملاندى. دۆلەت «ۋۇخەن ۋىرۇسى» يۇقۇمىنىڭ تېخىمۇ تېز تارقىلىدىغان بىر خىل تۈرى بايقالغان ئەنگلىيە بىلەن بولغان ھاۋا قاتنىشىشىنى توختاتتى .

بەزى غەرب ئەللىرىدىكى يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى تۆۋەندىكىچە:

مېكسىكادا 118 مىڭ 598؛ ئىسپانىيەدە 49 مىڭ 260؛ ئارگېنتىنادا 41 مىڭ 997؛ پېرۇدا 37 مىڭ 173؛ گېرمانىيەدە 27 مىڭ 297؛ پولشادا 25 مىڭ 474؛ بېلگىيەدە 18 مىڭ 697؛ ئۇكرائىنادا 16 مىڭ 665؛ چىلىدا 16 مىڭ 197؛ رۇمىنىيەدە 14 مىڭ 481؛ ئېكۋادوردا 13 مىڭ 949؛ گوللاندىيەدە 10 مىڭ 519؛ چېخىيەدە 10 مىڭ 411.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر