رۇھانى: بايدىننىڭ سايلانغانلىقىدىن ئەمەس، ترامپنىڭ كەتكەنلىكىدىن خۇشال بولدۇق

ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئاقسارايدىن ئايرىلغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇشال ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1546713
رۇھانى: بايدىننىڭ سايلانغانلىقىدىن ئەمەس، ترامپنىڭ كەتكەنلىكىدىن خۇشال بولدۇق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇھانى پايتەخت تېھراندا ئۆتكۈزۈلگەن مىنىستىرلار كېڭىشى يىغىنىدىن كېيىن كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەر توغرىسىدا توختالدى.

ئۇ، ئامېرىكادىكى (3 – نويابىردا ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنتلىق) سايلامدا غەلىبە قىلغان جو بايدىن دەۋرىدە ۋاشىنگتوننىڭ يادرو كېلىشىمىگە قايتىپ، ئېمبارگولارنى بىكار قىلىشىنى كۈتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

رۇھانى، ئەگەر ئامېرىكا يادرو كېلىشىمىدىكى مەسئۇلىيەتلىرىنى يېڭىدىن ئادا قىلىشنى باشلىسا، ئىراننىڭمۇ تاشلايدىغان قەدەملىرىنى كېلىشىمدە كۆرسىتىلگەن نۇقتىغا ماسلاشتۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ، ۋەزىپە ئۆتەش جەريانىدا ئىرانغا قاتتىق قول سىياسەت يۈرگۈزگەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپنى ئەيىبلەپ، «بەزىلەر بايدىننىڭ كەلگەنلىكىدىن خۇشال ئىكەنلىكىمىزنى دېيىشىۋاتىدۇ، ئۇنداق ئەمەس، بايدىننىڭ كەلگەنلىكىدىن خۇشال ئەمەسمىز، ئەمما تىرامپنىڭ ئايرىلغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇشال بولدۇق» دېدى.

رۇھانى، «بۇ كىشى (ترامپ) ھەتتا ۋاكسىنا بىلەن تەمىنلەش مەسىلىسىدىمۇ بىزگە رەھىم قىلمىدى. ھېچقانداق قىممەتكە ساداقىتى بولمىغان بۇ مۇشتۇمزورنىڭ ئاغدۇرۇلغانلىقىدىن تولىمۇ خۇشالمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ ئىران مەسىلىسىدىكى مەيدانىنى ئۆزى تاللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن رۇھانى، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «ئەگەر ئۇ توغرا يولنى خالىسا، ئۇ يول تەييار ، خاتا يولنى خالىسا ئۇمۇ تەييار. بىز ئامېرىكا خەلقى تەرىپىدىن ھۆرمەتلىك بايدىنغا تاشلانغان بېلەتلەرنىڭ، كېلىشىملەرگە خىلاپلىق قىلىش ئۈچۈن ئەمەس، ئۇلارغا رىئايە قىلىش بېلەتلىرى ئىكەنلىكىنى ۋە قانۇننىڭ ئۈستۈنلۈكى ئۈچۈن تاشلانغانلىقىنى نامايان قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر